UyghurWiki
UyghurWikiئاڭئەڭ ئېغىر تانكا

ئەڭ ئېغىر تانكا

دۇنيادىكى ئەڭلەر دۇنيا بويىچە ئەڭ ئېغىر تانكا گېرمانىيىنىڭ مائۇس 2 شەكىللىك تانكىسى بولۇپ، ئېغىرلىقى 192 توننا كېلىدۇ. بۇ تانكا 1945 - يىلى يەنىلا سىناق باسقۇچىدا ئىدى، كېيىنمۇ داۋاملىق ئەسلىدىكى سەۋىيىسى بويىچە تۇرۇۋەرگەن. قىسىملاردا ئىشلىتىلگەن ئەڭ ئېغىر تانكا - فرانسىيىنىڭ 1923 - يىلدىكى 3C شەكىللىك تانكىسى بولۇپ، ئېغىرلىقى 82.8 توننا، 13 ئادەم ئولتۇرغىلى بولىدۇ. بۇ تانكىغا بىر دانە 155 مىللىمېتىرلىق زەمبىرەك ۋە 500 ئات كۈچىگە تەڭ ئىككى موتور ئورنىتىلغان بولۇپ، سائىتىگە 12 كىلومېتىر يول باسالايدۇ. 1957 - يىلى 11 - ئاينىڭ 7 - كۈنى، موسكۋادا يىلىغا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلىدىغان ھەربىي پاراتتا بىر تانكا قاتناشتۇرۇلغان بولۇپ، ئۇ خېنسىر شىركىتىدە ياسالغان. قارىماققا گېرمانىيە خان ئائىلىسىنىڭ <يولۋاس 2> شەكىللىك تانكىسىدىنمۇ ئېغىررەك كۆرۈنىدىكەن. بۇ تانكىنى چوقۇم سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ <ستالىن - 3> شەكىللىك تانكىسىدىن ئېغىر دەپ جەزملەشتۈرگىلى بولىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئاڭ