مەبلىغى ئەڭ كۆپ بانكا
دۇنيادىكى ئەڭلەر
ئامېرىكىنىڭ گۈزەل مەنزىرىلىك ساياھەت ئورنى - برېتتون ئورمىنى 1944 - يىلى ئىيۇلدا بىردىنلا قىزىپ كەتتى. ھەر قايسى ئەللەرنىڭ دۆلەت بايرىقى قادالغان ماشىنىلار برېتتون ئورمانلىقىدىكى يېڭى ھامپىشر رايونىدىن ئۇچقاندەك ئۆتىشەتتى. 44 دۆلەتنىڭ ۋەكىللىرى بۇ يەرگە خەلقئارا پۇل فوندى يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ ئوق - دورا ھىدىنى ئېلىپ كەلمەكتە ئىدى.
بۇ قېتىمقى برېتتون يىغىنى ئۆتكۈزۈلىۋاتقان چاغدا ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرلىشىپ قالغانىدى. نۇرغۇن ئەللەرنىڭ ھۆكۈمەتلىرى ئۇرۇش جاراھىتىنى ساقايتىپ، ئۇرۇشتا دەپسەندى قىلىنغان زىمىننى قايتا قۇرۇش ئۈچۈن مەبلەغ توپلاشقا ئىنتىزار ئىدى. ۋەھالەنكى، قايتا قۇرۇشقا نۇرغۇن پۇل كېتەتتى. تەرەققىي تېپىش ئۈچۈن بولسا تېخىمۇ كۆپ پۇل لازىم ئىدى. شۇڭا ھەرقايسى ئەللەر ھۆكۈمەتلىرى خەلقئارا قايتا گۈللەندۈرۈش - ئېچىش بانكىسى قۇرۇشقا بىردەك قوشۇلدى. بۇ بانكا ئادەتتە «دۇنيا بانكىسى» دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئۇيۇشتۇرغان مۇھىم مالىيە ئاپپاراتى ھېسابلىنىدۇ.
«دۇنيا بانكىسى» 1945 - يىلى 27 - دېكابردا ۋاشىنگتوننىڭ H كوچىسىدىكى 1818 - نومۇرلۇق قورودا رەسمىي قۇرۇلدى.
دۇنيا بانكىسى ئۇرۇشتا ۋەيرام بولغان جايلارنى قايتا قۇرۇشقا ياردەم بېرىشتىن تاشقىرى، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنى ئۇزاق مۇددەتلىك قەرز پۇل بىلەنمۇ تەمىنلەيدۇ. بىراق بۇنداق قەرز پۇل ئەزا دۆلەتلەرگە ياكى ئەزا دۆلەتلەر قوللايدىغان خۇسۇسىي كارخانىلارغا بېرىلىدۇ. بۇ بانكا تەكشۈرۈپ بېكىتكەن تەڭ چېچىلغان مەبلەغ 27 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى ئىدى، 1975 - يىلى 31 - مارتقا كەلگەندە، ئەزا دۆلەتلەر 125 كە يېتىپ، جەمئىي 25 مىليارد 548 مىليون 900 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى ئىئانە قىلىندى. «خەلقئارا پۇل فوندى جەمئىيىتى» نىڭ 126 ئەزاسى بولۇپ، 1973 - يىلى 31 مارتقا كەلگەندە ئومۇمىي مەبلىغى 29 مىليارد 189 مىليون 400 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكەن، دۇنيادا بۇنىڭدىنمۇ كۆپ مەبلىغى بار بانكا ھازىرغا قەدەر كۆرۈلمىدى.
سان - فرانسىسكودا ئېچىلغان «ئامېرىكا ھاۋالە قىلىش ۋە پۇل ئامانەت قويۇش بانكىسى» ئەڭ كۆپ ئامانەت پۇلغا ئىگە بانكا ھېسابلىنىدۇ. 1974 - يىلى 31 - دېكابرغا كەلگەندە، بۇ بانكىنىڭ ئامانەت پۇلىنىڭ ئومۇمىي سوممىسى 50 مىليارد 662 مىليون 777 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىغا، ئومۇمىي مەبلىغى 60 مىليارد 376 مىليون 458 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكەن.