ئەڭ نەپس توقۇلما مال
دۇنيادىكى ئەڭلەر
شاتۇسا - ھىندىستان ئۆچكىسىنىڭ تىۋىتىدىن توقۇلغان دۇنيا بويىچە ئەڭ ئېسىل، قارامتۇل كۈلرەڭ يۇڭ رەخت بولۇپ، ئۇ تۆگە يۇڭىدىن توقۇلغان رەختتىن ھەم نەپس، ھەم قىممەت تۇرىدۇ. ئامېرىكا تېكساس شتاتى داللاس شەھرىدىكى نېيمان ماركوس شىركىتى ھەر بىر كۇۋادىرات مېتىرنى 1000 فرانكتىن ساتقان. <شاتۇسا> دىن تىكىلگەن ئايالچە كۆينەك 25 مىڭ فرانكقا توختايدۇ.