ئېگىز چوققىلار ئەڭ كۆپ مەملىكەت
دۇنيادىكى ئەڭلەر
ئاسىيادىكى تاغلىق مەملىكەت نېپالنىڭ كۆلىمى ئاران 141 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، بىراق دۇنيا بويىچە دېڭىز يۈزىدىن ئەڭ ئېگىز چوققىلارنىڭ كۆپى ئەنە شۇ يەرگە توپلاشقان. بۇ مەملىكەتنىڭ زىمىنى ھىمالايا تاغ تىزمىسىدىكى ئەڭ ھەيۋەتلىك ئېگىز چوققىلارنىڭ ئوتتۇرىسىغا جايلاشقان بولۇپ، دېڭىز يۈزىدىن 6100 مېتىر ئېگىز بولغان قارلىق چوققىلار 240 تىن، دېڭىز يۈزىدىن 7620 مېتىر ئېگىز بولغان قارلىق چوققىلار 50 تىن ئاشىدۇ. كىشىنى تېخىمۇ ھەيران قالدۇرىدىغىنى شۇكى، دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان، ئېگىزلىكى 8000 مېتىردىن ئاشىدىغان ئون چوققىنىڭ سەككىزى نېپالدا ياكى نېپالنىڭ جۇڭگو - سىككىم بىلەن تۇتاشقان چېگرىسىدا قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ. بۇلار مۇنۇلار: يەر شارىنىڭ چوققىسى - جۇمۇلاڭما (8848.13)، ئۈچىنچى چوققا كانچېنجۇنگا (8585)، تۆتىنچى چوققا لوزى (8501)، بەشىنچى چوققا ماكالۇ (8470)، ئالتىنچى چوققا داۋلاگىرى (8172)، يەتتىنچى چوققا ماناسلۇ (8157)، سەككىزىنچى چوققا جوئاۋيۇ (8153)، ئونىنچى چوققا ئانناپورنا (8090). بۇ قارلىق چوققىلار گويا شەمشەردەك ئاسمانغا سانجىلىپ تۇرىدۇ، چوققىلار ئارىلىقىدىكى مۇزلۇقلار كۈمۈش يىلاندەك ھەرخىل شەكىلدە سوزۇلۇپ ياتىدۇ؛ مامۇقتەك بۇلۇتلار ئاستىدىكى تاغ باغرىلىرىدا دەل - دەرەخلەر باراقسان ئۆسكەن بولۇپ، سۇلار شارقىراپ ئېقىپ تۇرىدۇ. نېپالغا ساياھەتكە كەلگەنلەرنىڭ كۆپى دۇنيا بويىچە ئەڭ ئېگىز بولغان ئەنە شۇ تاغلارنى كۆرۈش ئۈچۈن كېلىدۇ. نېپاللىقلار جۇمۇلاڭما چوققىسىنىڭ دېڭىز يۈزىدىن 4 مىڭ مېتىردىن ئوشۇق ئېگىز جايىغا دۇنيا بويىچە دېڭىز يۈزىدىن ئەڭ ئېگىز مېھمانخانا - مەنزىرىلىك ئېۋېرېست مېھمانخانىسى سالغان. ساياھەتچىلەر ئەنە شۇ مېھمانخانىدا تۇرۇپ جۇمۇلاڭما چوققىسىنىڭ مەنزىرىسىنى تاماشا قىلىدۇ.