UyghurWiki
UyghurWikiئاڭنوبېل مۇكاپاتىغا ئەڭ كۆپ ئېرىشكەن دۆلەتلەر

نوبېل مۇكاپاتىغا ئەڭ كۆپ ئېرىشكەن دۆلەتلەر

دۇنيادىكى ئەڭلەر نوبېل مۇكاپاتىنىڭ تارقىتىلغىنىغا 1901 - يىلدىن باشلاپ ھازىرغا قەدەر 79 يىل بولدى. 1940 - 1742 - يىللىرى ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ تەسىرى بىلەن مۇكاپات ۋاقتىنچە توختىلىپ قالغان، بۇنىڭدىن باشقا مۇۋاپىق كاندىدات تېپىلماي مۇكاپات تارقىتىلمىغان ئايرىم يىللارمۇ بولغان. ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا، پۈتۈن 79 يىل ئىچىدە، دۇنيا بويىچە فىزىكا، خېمىيە، تىبابەتچىلىك ۋە فزولوگىيە ساھەلىرى بويىچە جەمئىي 333 كىشىگە نوبېل مۇكاپاتى تارقتىلغان. فرانسىيىلىك كيۇرى خانىم، بىلەن ئامېرىكىلىق بادېن ئىككى قېتىمدىن مۇكاپاتلانغانلىقتىن، ئىلىم - پەن ساھەسىدىكى بۇ خىل ئالى مۇكاپاتلانغان دۇنيا بويىچە جەمئىي 331 كېشى ئېرىشكەن. سانلىق مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىغىچىلىك بولغان ئوتتۇز توققۇز يىل داۋامىدا، بۇ ئۈچ خىل نوبېل مۇكاپاتىغا گىرمانىيە ۋە ئەنگىلىيىلىكلەر ئەڭ كۆپ ئېرىشكەن. چۈنكى ئۇ چاغدا دۇنيا بويىچە ئىلىم - پەن تەرەققىياتنىڭ مەركىزى ئامېرىكىغا كۆچۈپ، ئامېرىكا تەۋەلىكىدىكى ئالىملاردىن نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچىلەرنىڭ سانى تېز ئېشىپ باردى. ئامېرىكا 1979 - يىلىغىچە مۇشۇ ئۈچ خىل نوبېل مۇكاپاتىغا ئەڭ كۆپ ئېرىشكۈچى دۆلەت بولۇپ كەلدى. ئامېرىكىدىن نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچىلەرنىڭ سانى 118 ئادەم قېتىمغا يەتتى. بۇنىڭ ئىچىدە فىزىكا بويىچە نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچىلەر 44 ئادەم قېتىمغا، خېمىيە بويىچە نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچىلەر 22 ئادەمگە، تىبابەتچىلىك ۋە فىزولوگىيە بويىچە نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچىلەر 52 ئادەمگە يەتتى. ئامېرىكىدىن خېمىيە بويىچە نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچىلەر گىرمانىيە (غەربىي گىرمانىيەمۇ بۇنىڭ ئىچىدە)دىن ئازراق ئىدى. گىرمانىيىدىن خېمىيە بويىچە نوبېل مۇكاپاتىغا 24 كىشى ئېرىشتى. (يىڭ شىڭگو)
← بارلىق تېمىلار ئاڭ
نوبېل مۇكاپاتىغا ئەڭ كۆپ ئېرىشكەن دۆلەتلەر | UyghurWiki | UyghurWiki