UyghurWiki
UyghurWikiئاڭتوختىماي ئەڭ ئۇزۇنغا يۈگۈرۈش

توختىماي ئەڭ ئۇزۇنغا يۈگۈرۈش

دۇنيادىكى ئەڭلەر ئېيتىشلارغا قارىغاندا، نۇرۋېگىيىلىك مېنسېن ئېرنېست (1799 - 1846) ئىسىملىك بىر ئادەم 1836 - يىلى 59 كۈندە تۈركىيىنىڭ ئىستامبول شەھىرىدىن ھىندىستاننىڭ جاكارتا شەھىرىگە بېرىپ يەنە ئىستامبولغا كەلگەن. شۇنداق بولغاندا ئۇ ئوتتۇرا ھېساب بىلەن كۈنىگە 151.6 كىلومېتىر يول يۈرگەن بولىدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇنداق قىلىش مۇمكىن ئەمەس. كىشىلەرنىڭ بىلىشىچە، دۇنيا بويىچە توختىماستىن ئەڭ ئۇزۇنغا يۈگۈرگەن كىشى ئامېرىكىنىڭ مېرلېند شتاتى ۋېست - پورت شەھرىدىكى 41 ياشلىق جارېد بېئادىس بولۇپ، ئۇ 22 سائەت 27 مىنۇت توختىماستىن يۈگۈرۈپ، 195.132 كىلومېتىر مۇساپىنى باسقان. 1973 - يىلى 11 - ئاينىڭ 3 -, 4 - كۈنىگىچە ئەنگلىيىلىك 43 ياشلىق روي بېنتلېي 24 سائەت توختىماي يۈگۈرۈپ 259.602 كىلومېتىر مۇساپىنى باسقان. بۇ، 6 قېتىملىق مارافونچە يۈگۈرۈشكە باسقان مۇساپىگە 6,432 مېتىرنى قوشقانغا باراۋەر كېلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئاڭ
توختىماي ئەڭ ئۇزۇنغا يۈگۈرۈش | UyghurWiki | UyghurWiki