UyghurWiki
UyghurWikiئاڭئات بىلەن بىللە شاردا ئۇچقان ئادەم

ئات بىلەن بىللە شاردا ئۇچقان ئادەم

دۇنيادىكى ئەڭلەر 1950 - يىلى 7 - ئاينىڭ 7 - كۈنى، پارىژدا فرانسىيىلىك پوستېۋىن دېگەن كىشى شار بىلەن ئۇچۇش ۋاقتىدا بىر دانە ئېتىنى ئېلىۋالغان. شار <مارت دالاسى> دېگەن يەردىن ئۇچقاندا ئۇنى 10 مىڭ ئادەم ئۇزىتىپ قويغان، 150 مىڭ ئادەم چائىللوت تېغىدا تاماشا كۆرگەن. شارنىڭ ئېغىرلىقى 150 كىلوگرام بولۇپ، دىئامېتىرى 15 مېتىر، ئايلانما ئۇزۇنلۇقى 47 مېتىر، ئېگىزلىكى 20 مېتىر كېلىدىكەن. ئۇچقۇچى چەۋەنداز كىيىمىنى كىيگەن، يەنە بىر قانچە بوتۇلكا ھاراق ۋە بولكىلارنىمۇ ئېلىۋالغان، شار شەرق تەرەپكە قاراپ ھاۋادا بىر سائەتتىن ئارتۇق ئۇچقان.
← بارلىق تېمىلار ئاڭ