UyghurWiki
UyghurWikiئاڭئەڭ يېنىك ۋە ئەڭ ئومۇملاشقان خېمىيىۋىي ئىلمېنېت

ئەڭ يېنىك ۋە ئەڭ ئومۇملاشقان خېمىيىۋىي ئىلمېنېت

دۇنيادىكى ئەڭلەر ھىدروگىن ھەممەيلەنگە تونۇشلۇق ئېلمېنت بولۇپ، بايرام كۈنلىرى ھاۋادا ئۇچۇپ يۈرىدىغان شارغا ئەنە شۇ ئېلىمېنت قاچىلىنىدۇ. ھىدورگېن گازلار ئىچىدە ئەڭ يېنىك گاز بولۇپ، نۆل سېسلىيە ۋە بىرئاتموسفېرا بېسىمىدا، ھەر بىر كۇب سانتىمېتىر ھىدورگىننىڭ ئېغىرلىقى ئاران 0.0000899 گىرام كېلىدۇ. ئۇ ھاۋادىن 14.38 ھەسسە، سۇدىن 9000 ھەسسىدىن كۆپرەك يېنىك. ھىدروگېن خېمىيۋى ئېلىمىنېتلار ئىچىدىمۇ ئەڭ يېنىكى بولۇپ، باشقا ئېلمېنتلارنىڭ ئاتوملىرى ھىدورگېن ئاتومىدىن بىر نەچچە ھەسسىدىن بىرنەچچە يۈز ھەسسىگىچە ئېغىر، بىر تىرىلىيون ھىدروگىن ئاتومىنىڭ ئېغىرلىقى ھاۋادا لەيلەپ يۈرگەن بىر تال توزاڭنىڭ ئېغىرلىقىدەكمۇ كەلمەيدۇ. شۇڭا ھىدورگېننى ئەڭ يېنىك ئېلىمىنېت دېيىشكە بولىدۇ. ھىدروگېن يەر شارىدا، ئاساسلىقى، سۇ شەكلىدە ساقلىنىپ كەلمەكتە. سۇ ھەممىلا يەردە بار، شۇنداقتىمۇ ھىدروگېن ئېلىمېنتىنىڭ تېپىلغىنىغا تېخى 200 يىل بولمىدى. 16 - ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا شىۋىتسارىيىلىك پاراسېلىس دېگەن كىشى تومۇر بىلەن گۈڭگۈرت كىسلاتاسىنىڭ تەسىرى ئارقىلىق ھىدروگىننى ھاسىل قىلغان ھەمدە بۇ گازنىڭ يانىدىغانلىقىنى بايقىغان. لېكىن ئۇنى باشقا يانغۇچى گازلار بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ قويغان. 1766 - يىلى ئامېرىكا خېمىيە ئالىمى كاۋېندىش مېتال بىلەن كىسلاتانىڭ تەسىرىنى يەنىمۇ تەتقىق قىلىپ، زىچلىقىنى ئۆلچەپ بېكىتىش ئارقىلىق ھېدروگىننى باشقا يانغۇچى گازلاردىن ئايرىپ چىقتى. لېكىن ھېدروگىننى خاتا ھالدا «مېتالدىن ھاسىل قىلىنىدىغان يانغۇچى گاز» دەپ قارىدى. 1776 - يىلى خېمىيە ئالىمى ۋالتېر ھىدروگېن يانغاندا سۇنىڭ پەيدا بولىدىغانلىقىغا دىققەت قىلدى. 1781 - يىلى كاۋېدىنىش بۇ كەشپىياتىنى يەنىمۇ مۇئەييەنلەشتۈردى. ئارىدىن ئۇزاق ئۆتمەي، فرانسىيە خېمىيە ئالىمى لاۋوئېسىر ئۇنىڭغا ھىدروگىن (يۇنانچە سۇنى تەشكىل قىلغۇچى مەنىدە) دەپ نام بەردى. شۇنىڭ بىلەن ھىدروگېننىڭ بىر خىل ئېلمېنت ئىكەنلىكى جامائەت تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىندى. فرانسىيە خېمىيە ئالىمى براك ھاۋا شارىغا تۇنجى قېتىم ھىدروگىن قاچىلىدى، بىراق ئۇ كاۋچۇك نېپىز پەردە ئىشلەتمەي چوشقا دوۋغىسىنى ئىشلەتتى. ھىدورگىن 1783 - يىلى سانائەتتە تۇنجى قېتىم ئىشلىتىپ، ھاۋا شارىغا قاچىلاندى. شۇنىڭدىن كېيىن ھىدروگېن شارى كۆڭۈل ئېچىش ئۈچۈن ئىشلىتىپلا قالماي، بەلكى يۇقىرى ھاۋا بوشلۇقىنى تەكشۈرۈش ھەتتا ئادەم سېلىپ ئۇچۇرۇش ئۈچۈنمۇ ئىشلىتىلدى. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا، ئەنگىلىيە كۆپلىگەن شارلارنى ھاۋا بوشلۇقىغا ئېسىپ قويۇپ، بۇ ئارقىلىق گىرمانىيە فاشىستلىرىنىڭ ھاۋا ھۇجۇمىنىڭ ئالدىنى ئالدى. زامانىۋىي سانائەتتە ھىدروگېن بىر خىل مۇھىم ئەسلىگە قايتۇرغۇچ ۋە خېمىيە سانائىتىنىڭ خام ئەشياسى سانىلىدۇ. ھىدروگېن ئوكسېگىن بىلەن بىرىككەندە كۆپلەپ ئېنىرگىيە چىقىرىدۇ. ئۇنىڭدىن پەقەت سۇلا ھاسىل بولىدۇ. شۇڭا ئۇ مۇھىتنى بۇلغىمايدىغان زور ئىستىقبالغا ئىگە يېقىلغۇ ھېسابلىنىدۇ. بولۇپمۇ ھىدروگىننىڭ ئىككى خىل ئىزوتوپى - دېيترىي بىلەن تىرىتىي ئاتوم ئېنىرگىيىسى سانائىتىنىڭ مۇھىم ئەشياسىدۇر. بىر كۇب مېتىر دېڭىز سۈيىنىڭ تەركىبىدە ئۈچ گرام ناترىي بار. ئەگەر ئۇنىڭدىن ئىسسىقلىق يادروسى ئارقىلىق ئېنىرگىيە ئېلىنىدىغان بولسا، ئۈچ يۈز كۇب مېتىر بېنزىننى كۆيدۈرگەندە ھاسىل بولىدىغان ئېنىرگىيىنى ھاسىل قىلغىلى بولىدۇ. يەر يۈزىدىكى دېڭىز سۈيىنىڭ تەركىبى تەخمىنەن 50 تىرىلىيات كىلوگىرام دېيتىرىي بار، ئۇنىڭدىن 250 كىلوۋات سائەت توك ھاسىل قىلغىلى، بۇنى ھازىر دۇنيانىڭ ئېنىرگىيە مەنبەسىگە بولغان ئېتھتىياجى بويىچە 10 مىليارت يىل ئىشلەتكىلى بولىدۇ. يەر شارىدا ھىدروگېن يەر پوستى ئېغىرلىقىنىڭ تەخمىنەن 0.9 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلىدۇ. لېكىن ئالەم بوشلۇقىدا ھىدروگىن ئەڭ كۆپ ۋە ئەڭ ئومۇملاشقان بىرخىل ئېلىمېنت بولۇپ، پۈتۈن ئېلمىنتلار ئومۇمىي ئېغىرلىقىنىڭ 90 پىرسەنتىن كۆپرەكىنى تەشكىل قىلىدۇ. (ياۋزىپېڭ)
← بارلىق تېمىلار ئاڭ
ئەڭ يېنىك ۋە ئەڭ ئومۇملاشقان خېمىيىۋىي ئىلمېنېت | UyghurWiki | UyghurWiki