UyghurWiki
UyghurWikiئاڭنوبېل مۇكاپاتىغا ئەڭ كۆپ ئېرىشكەن كىشىلەر

نوبېل مۇكاپاتىغا ئەڭ كۆپ ئېرىشكەن كىشىلەر

دۇنيادىكى ئەڭلەر ئامېرىكا خېمىيە ئالىمى باۋلىن ئىككى قېتىم نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. ئۇ 1954 - يىلى خېمىيىلىك باغلىنىش كۈچىنىڭ خۇسۇسىيىتنى تەتقىق قىلىپ، مۇرەككەپ بېرىكمە ماددىنىڭ مەسىلەن : ئانېتتىلونىڭ تۈزۈلۈشىنى شەرھىيلەيدىغان نەزىرىيىگە تۆھپە قوشقانلىقىدىن خېمىيە مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. ئىككىنچى قېتىم نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچىلەر ئىچىدە يەنە فرانسيىلىك كيۇرى خانىم بار. ئۇ نوبېل مۇكاپاتىغا ئەڭ بۇرۇن ئېرىشكەن ئايال ئالىمدۇر. ئۇ 1903 - يىلى ئۆزىنىڭ كۇيوسى - فرانسىيىلىك فىزىكا ئالىمى بېكېرېل بىلەن رادىئاكتىپلىق ساھەنى تەتقىق قىلىپ ئېرىشكەن بىر قاتار كۆرۈنەرلىك مۇۋەپپەقىيەتلىرى بىلەن 1903 - يىللىق نوبېل فىزىكا مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. ئۇ يەنە 1911 - يىلى پولۇنىي بىلەن رادىيدىن ئىبارەت ئىككى خىل يېڭى ئىلمىنىتنى تاپقانلىقى ئۈچۈن شۇ يىللىق نوبېل خېمىيە مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. ئىككى قېتىم نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچى يەنە بىر ئالىم ئامېرىكا فىزىكا ئالىمى بادېن بولۇپ، ئۇ 1956 - يىلى شوركىرى، برادون ئۈچەيلەن يېرىم ئۆتكۈزگۈچ جەھەتتىكى تەتقىقاتى ۋە كىرىستال لامپىنىڭ تەسىرىنى تاپقانلىقى سەۋەبى بىلەن شۇ يىللىق نوبېل فىزىكا مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. كېيىن بادېن ئۆزىنىڭ ئېرىشكەن مۇۋەپپەقىيەتلىرىگە قانائەتلەنمەي، مۇكاپاتقا ئېرىشكەن يىلى يەنە فىزىنىڭ ئىككىنچى پەللىسىگە ئۇلترا ئۆتكۈزۈشچانلىق نەزىرىيىسى پەللىسىگە چىقماقچى بولدى. بادېن پۇختا نەزىرىيۋىي ئاساسقائېگە كۇبونى تەكلىپ قىلىپ ئۇنىڭ بىلەن ھەمكارلىشىپ ۋە ياش تەتقىقاتچى شىللىف ئوتتۇرىغا قويغان تەكلىپنى قوبۇل قىلىپ، ئاخىرى ئۇلترا ئۆتكۈزۈشچان BCS(ئۈچىنىڭ ئىسمىنىڭ باش ھەرپلىرى ) نەزىرىيسىگە ئاساس سالدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار بىرلىكتە 1972 - يىللىق نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. (يىڭ شىڭگو، بى دۇڭخەي)
← بارلىق تېمىلار ئاڭ
نوبېل مۇكاپاتىغا ئەڭ كۆپ ئېرىشكەن كىشىلەر | UyghurWiki | UyghurWiki