UyghurWiki
UyghurWikiئاڭئەڭ دەسلەپكى ناركوز قىلىش تېخنىكىسى

ئەڭ دەسلەپكى ناركوز قىلىش تېخنىكىسى

دۇنيادىكى ئەڭلەر ماتېرىياللاردا خاتىرىلىنىشىچە، ئېلىمىزنىڭ داڭلىق تېۋىپى خۇاتو كەشپ قىلغان «مافوسەن» دېگەن دورا دۇنيا بويىچە ئەڭ دەسلەپكى ناركوز قىلىش دورىسى ھېسابلىنىدۇ. خۇاتو مىلادى 2 - ئەسىردىلا خىرۇرگىيە ئوپېراتسىيىسىدە «مافوسەن» دېگەن دورىنى ناركوز دورىسى قىلىپ ئىشلەتكەن. كېيىن بۇ خىل دورا كەڭ تارقالمىغانلىقتىن، خىرۇرگىيە دوختۇرلىرى خېلى ئۇزاق زامانلارغىچە ناركوز قىلماي ئوپېراتسىيە قىلىپ كەلگەن. 19 - ئەسىرنىڭ باشلىرىدا، سانائەت ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ راۋاجلىنىشىغا، بولۇپمۇ خىمىيە سانائىتىنىڭ راۋاجلىنىشىغا ئەگىشىپ، ناركوز دورىسىنىڭ كەشپ قىنىشىغا ئاساس سېلىندى، ئەنگلىيە خىمىيە ئالىمى داۋېي بىر كۈنى ئازوت چالا ئوكسىدى بىلەن تولغان ئۆيگە كىرىپ قالىدۇ، بۇ ۋاقىتتا ئۇنىڭ چىش ئاغرىقى بىردىنلا توختايدۇ. ئازوت چالا ئوكسىدىنىڭ بۇنداق رولى ئامېرىكىلىق چىش دوختۇرى ۋېللېسنىڭ قىزىقىشىنى قوزغايدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئازوت چالا ئوكسىدىنىڭ ناركوز قىلىش رولى بار ئىكەن دېگەن ئويغا كېلىدۇ. ئۇ بىر نەچچە قېتىم تەجرىبە قىلغاندىن كېيىن، بوستوندىكى بىر دوختۇرخانىدا ئازوت چالا ئوكسىدى ئارقىلىق ناركوز قىلىپ، ئاغرىتماي چىش يۇلۇش مەشغۇلاتىنى كۆرسىتىدۇ. ئەپسۇسكى، ناركوز قىلىش چالا بولۇپ قالغانلىقتىن ئوپېراتسىيە مەغلۇپ بولۇپ، ۋېللېس ئالدامچى دەپ قارىلىنىپ دوختۇرخانىدىن قوغلاپ چىقىرىلىدۇ. كېيىن ۋېللېسنىڭ شاگىرتى ماۋتون ئۇستازىنىڭ مەغلۇبىيىتىنى يەكۈنلەپ ۋە تەتقىق قىلىپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە خىمىيە ئالىمى جېكسوندىن ئىلھاملىنىپ، دىئېتىل ئېفىر ئارقىلىق ناركوز قىلماقچى بولىدۇ. قايتا - قايتا تەجرىبە قىلىش ئارقىلىق، ئاخىر 1846 - يىلى ئۆكتەبردە مۇۋەپپەقىيەت قازىنىدۇ. ئۇنىڭ مۇۋەپپەقىيىتى ئاغرىتماي ئوپېراتسىيە قىلىشقا كەڭ ئىستىقبال ئېچىپ، ھازىرقى زامان تېبابەتچىلىكىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئاڭ
ئەڭ دەسلەپكى ناركوز قىلىش تېخنىكىسى | UyghurWiki | UyghurWiki