UyghurWiki
UyghurWikiئاڭبۆرەك كۆچۈرۈشنىڭ ئىنسانىيەتكە ئەڭ بۇرۇن قوللىنلىشى

بۆرەك كۆچۈرۈشنىڭ ئىنسانىيەتكە ئەڭ بۇرۇن قوللىنلىشى

دۇنيادىكى ئەڭلەر بۆرەك كۆچۈرۈشنىڭ تەرەققىيات باسقۇچىدا ، ئىنسانلارنى داۋالاشتا ئەڭ كۆپ قوللىنىلىدىغان بۆرەك كۆچۈرۈش 1947 - يىلى ئامېرىكىنىڭ بوستون شەھرىدىكى بىر دوختۇرخانىدا ئىشلەندى. بۇ چاغدا بىر ياش ھامىلدار ئايالنىڭ بالياتقۇسى ئېغىر دەرىجىدە يوقۇملانغانلىقتىن، بۇ ئايال زەھەرلىك شۈك بىلەن تېلىقىپ، 10 نەچچە كۈن سىيمەي ياتقان. بۇ دوختۇرخانىنىڭ ئىچكى كېسەللەر بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى تورنە بۇ ياش ئايالنىڭ ھاياتىنى قۇتقۇزۇپ قېلىش ئۈچۈن ئۇنىڭغا بۆرەك كۆچۈرۈش ئوپراتسىيىسىنى قىلىش قارارىغا كەلگەن. ئۇلار ئۆلۈكنىڭ بۆرىكىنى كۆچۈرمەكچى بولغان. ئوپراتىسيە تۈگىگەندىن كېيىن، كۆچۈرۈلگەن بۆرەك دەرھال سۈيدۈكنى ھەيدىگەن. بۇ قېتىمقى بۆرەك كۆچۈرۈش تىبابەتچىلىككە تۇنجى قېتىم تۆھپە قوشقانلىقتىن، بۆرەك كۆچۈرۈش ئىشى شۇنىڭدىن ئېتىبارەن يېڭى باسقۇچقا قەدەم قويغان. بۆرەك كۆچۈرۈش 21 تەرەققىيات ئارقىلىق 1968 - يىلىغا كەلگەندە، 20 نەچچە مەملىكەتتە قانات يايدۇرۇلۇپ، 1200 قېتىمغا يەتتى.1973 - يىلىغا كەلگەندە، بۆرەك كۆچۈرۈش بىرسەكرەپلا 12 مىڭ 389 ئادەم قېتىمغا يەتتى. ھازىر ئوخشاش خىلدىكى بۆرەك كۆچۈرۈش ئاخىرقى مەزگىلىگە يەتكەن سوزۇلما خاراكتىرلىك سۈيدۈك بىلەن زەھەرلىنىش كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغۇچىلار ئۈچۈن ئېيتقاندا، بىرقەدەر قانائەتلىنەرلىك ئۈنۈمگە ئېرىشتى. ھازىرقى ۋاقىتتا تۇخۇمدان بىلەن تارتىشىپ قالغان بۆرەكنى كۆچۈرۈشتە تولۇق مۇۋەپپەقىيەت قازانغىلى بولىدۇ. يېقىن تۇققانلىق مۇناسىۋىتى بارلار ئوتتۇرىسىدا بۆرەك كۆچۈرگەندە، ئىككى يىلدىن ئارتۇق ياشىغۇچىلار 70% كە يەتتى. تۇققانلىق مۇناسىۋىتى يوقلار ئوتتۇرىسىدا بۆرەك كۆچۈرگەندە بەش يىل ياشاش نىسپىتى 47 % يەتتى. بۇلارنىڭ ئىچىدە ياشاش مۇددىتى ئەڭ ئۇزۇن بولغانلىرى 15 يىلدىن ئاشتى. ئەلۋەتتە، بۆرەك كۆچۈرۈش ئوپراتسىيىسىنىڭ چىقىمى يۇقۇرىراق بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۆرەكنىڭ ئورنىنى تېپىش تەسرەك. شۇڭا بۆرەك كۆچۈرۈش ئوپراتىسيىسى ئاخىرقى دەۋرگە يەتكەن سۈيدۈك بىلەن زەھەرلىنىش كېسەللىكىنى داۋالاش ئۈچۈن ئېيتقاندا، ھازىرقى باسقۇچتا يەنىلا ئومۇميۈزلۈك قوللىنىشقا بولدىغان داۋالاش ئۇسۇلى ئەمەس. ئۇنى يەنىمۇ ئىسلاھ قىلىشقا، ئۆستۈرۈش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ. (جياڭ ۋېيچياڭ)
← بارلىق تېمىلار ئاڭ