ئەڭ باي ئادەم
دۇنيادىكى ئەڭلەر
ھازىر 1 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىدىن ئارتۇق بايلىققا ئىگە كىشىلەر بىرلا ئەمەس. 1897 - يىلى 6 - ئايدا ئامېرىكىنىڭ مىچىگان شتاتىدا تۇغۇلغان دانېل لودىۋېگنىڭ 1977 - يىلى مۆلچەرلىنىشىچە بايلىقى 3 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكەن. لودىۋېگ ئەپەندىنىڭ بېيىشى 25 ئامېرىكا دوللىرىغا بىر پارچە لەيلىگۈچنى سېتىۋالغاندىن باشلانغان. ھازىر ئۇنىڭ ناھايىتى چوڭ ماي پاراخوت ئەترىتى ۋە ئىنتايىن نۇرغۇن كۆچمەس مۈلكى بار.
1930 - يىلى ئامېرىكىنىڭ تېكساس شتاتىدا تۇغۇلغان ھېنرى. لوئىس. پېلوتنىڭ 1969 - يىلى 1 مىلياردتىن ئارتۇق ئامېرىكا دوللىرى بولغان. ئۇنىڭدىن باشقا مىلياتېرلاردىن جون. روچىفېللېر Ⅰ، ھېنرى. فورد Ⅰ ئاندىرېۋۇ.مېللون. دونالىدماك ئارتخۇر، خارولدىسۇن خونت جۇنئور قاتارلىقلارمۇ بار.