ئايغا ئەڭ ئاۋۋال چىققان كىشىلەر
دۇنيادىكى ئەڭلەر
ئايغا بىرىنچى نۆۋەت ئامېرىكىلىق ئالەم ئۇچقۇچىسى ن. ئارمستروڭ ۋە ئې. ئالدرېن چىقتى. ئۇلار «ئاپولون - 11»ئامەكېمىسىدە يۈز سائەت ئۇچۇپ ئايغا يېتىپ بارغان.
1969 - يىلى 21 - ئىيۇل گرىنۋىچ ۋاقتى سائەت ئۈچتىن 51 مىنۇت ئۆتكەندە ئۇچۇش قوماندانى ئارمىستروڭ ئايغا قونۇش بۆلۈمنىڭ ئىشىكىدىن چىقىپ، بەش مېتىر ئېگىزلىكتىكى ئېغىزنىڭ سۇپىسىدا بىرنەچچە مىنۇت تۇرۇۋالىدۇ - دە، ئۆزىنى سەل بېسىۋالىدۇ. ئاندىن كېيىن سول پۇتىنى ئايغا قونۇش جازىسىدىكى شوتىنىڭ بالدىقىدىن ئاي يۈزىگە قاراپ ئاستا چۈشۈرىدۇ. ئۇ شوتىنىڭ ھەر بىر بالدىقىدا ئازراق تۇرۇۋېلىپ، بەدىنىنى ئاينىڭ ئېغىرلىق كۈچىگە ماسلاشتۇرۇپ بارىدۇ. شوتىنىڭ توققۇز بالدىقىنى جەمئىي ئۈچ مىنۇتتا بېسىپ، سائەت تۆتتىن يەتتە مىنۇت ئۆتكەندە سول پۇتىنى ئاي يۈزىگە ئېھتىيات بىلەن چۈشۈرىدۇ. ئاندىن كېيىن غەيرەتكە كېلىپ، ئوڭ پۇتىنىمۇ ئاي يۈزىگە چۈشۈرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن جىمجىتلىق ھۆكۈم سۈرگەن ئاي تۇپرىقىغا ئىنسانىيەتنىڭ تۇنجى ئاياغ ئىزى چۈشىدۇ.
ئارمىستروڭ بىلەن ئالدرىن ئايدا جەمى 21 سائەت 18 مىنۇت تۇرىدۇ، سىرتتا ئىككى سائەت 21 مىنۇت پائالىيەت ئېلىپ بارىدۇ. ئۇلار ئۈن - تىنسىز بۇ مۇھىتتا ئاي تەۋەشنى ئاپتۇماتىك ئۆلچەش ئەسۋابى قوزغىتىلغان (لازىر) نۇرلارنى ئارقىغا قايتۇرغۇچ، قۇياشنىڭ شامىلىنى ئۆلچىگۈچلەرنى ئورنىتىدۇ ھەمدە ئايدىن 23 كىلوگىرام تاغ جىنىسلىرى ۋە تۇپراق ئەۋرىشكىلىرىنى توپلايدۇ. ئايغا ئامېرىكا بايرىقىنى تىكلەيدۇ. تېلېۋىزور ئاپراتى ئۇلارنىڭ پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ يەر يۈزىگە تارقىتىپ تۇرىدۇ. بۇنىڭ بىلەن يەر يۈزىدىكى مىليونلىغان تاماشىبىنلارئاي يۈزىدىكى ئەھۋالنى ئۇلار بىلەن بىللە كۆرۈپ تۇرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە ئۇلارنىڭ م. كوللىنىس دېگەن بىر قېرىندىشى 500 كىلومېتىر ئېگىزلىكتىكى ئاي بوشلۇقىدا ئۇچۇپ، ئۇلارنىڭ غەلىبە بىلەن قايتىشىنى كۈتىدۇ. (تەن دېلىن)