UyghurWiki
UyghurWikiئاڭئەڭ ئاز ئۇچرايدىغان قىممەتلىك دەرەخ

ئەڭ ئاز ئۇچرايدىغان قىممەتلىك دەرەخ

دۇنيادىكى ئەڭلەر ئاق شەمشاد 40 - يىللارنىڭ بېشىدا ئېلىمىزنىڭ ئۆسۈملۈكشۇناسلىرى تاشقا ئايلانغان جانلىق قالدۇق مىتا سېكويانى تاپقاندىن كېيىن، 1956 - يىلى تاپقان ۋە نام بەرگەن يەنە بىر خىل تاشقا ئايلانغان جانلىق قالدۇق ھېسابلىنىدۇ. ئۇ ئېلىمىزنىڭ گۇاڭشى ئۆلكىسى لوڭشېڭ ناھىيىسىدىكى خۇاپىڭ ئورمانلىق رايونىغا ۋە سىچۇەن ئۆلكىسى نەنچۇەن ناھىيىسىدىكى جىنفۇ تېغىغا تارقالغان. ئاق شەمشاد ئۆسۈملۈكلەرنى تۈرگە ئايرىشتا قارىغاي ئائىلىسىگە كىرىدىغان ئاق شەمشاد ئۇرۇقدىشىغا مەنسۇپ. بۇ ئۇرۇقداش مۇشۇ بىرلا خىل بولۇپ، ئېلىمىزگىلا خاس. شۇڭا ئۇ ئاق شەمشاد ئۇرۇقدىشىدا ئاز ئۇچرايدىغان ئەڭ قىممەتلىك سورت ھېسابلىنىدۇ. ئېلىمىزنىڭ تۆۋەن كەڭلىككە جايلاشقان غەربىي جەنۇب رايونى تۈزۈلۈشى مۇرەككەپ، تاغلار كۆپ بولۇپ، ھەيۋەتلىك ئېگىز تاغلار مۇزلۇقنىڭ بېسىپ كېلىشىنى توساپ قالغانلىقتىن، ئۇنىڭ ئۈستىگە جىلغىلار ئىسسىق نەم بولغان پەسىللىك شامالنىڭ تەسىرى بىلەن مۇزلۇقنىڭ ھەرىكىتىنى چەكلەپ تۇرغانلىقتىن، مۇزلۇقتىن ئىلگىرىكى ئۈچلەمچى دەۋرگە ئائىت نۇرغۇنلىغان قەدىمكى ئۆسۈملۈكلەر بۇ يەردە ساقلىنىپ قېلىپ داۋاملىق كۆپەيگەن. ئاق شەمشاد ئەنە شۇلارنىڭ بىرى. شۇڭلاشقا ئاق شەمشەدنىڭ تېپىلغانلىقى يۇقىرى دەرىجىلىك ئۆسۈملۈكلەرنىڭ تەدرىجىي تەرەققىياتىغا دائىر نەزەرىيىنى، شۇنىڭدەك قەدىمكى جانلىقلار، قەدىمكى ئىقلىم، پالېئو جۇغراپىيە ۋە پالېئو گېئولوگىيە قاتارلىقلارنى تەتقىق قىلىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ «ئۆسۈملۈكلەر ئارىسىدىكى چوڭ مۈشۈك ئېيىق» دېگەن چىرايلىق نامغا ئىگە. ئاق شەمشادنىڭ ياغىچى قاتتىق بولۇپ، ئۇنىڭدا ئىنچىكە سىزىقلار بار، لېكىن ئۇ ئاستىراق ئۆسىدۇ. ئەمەلىي تەكشۈرۈشلەرگە قارىغاندا، ئۇنىڭ ئېگىزلىكى 15.6 مېتىر، كۆرىكىنىڭ دىئامېتىرى 22 سانتىمېتىر كېلىدىغان بىر تۈپى 125 ياشقا كىرگەن بولىدۇ. ئاق شەمشاد تېپىلغاندىن بېرى، مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدىكىلەرنىڭ دىققەت - ئېتىبارىنى قوزغىدى. بەزى دۆلەتلەر ھەتتا بۇ دەرەخنىڭ كۆچىتىنى يۇقىرى باھادا سېتىۋلماقچى بولدى. «ئۆسۈملۈكلەر ئارىسىدىكى چوڭ مۈشۈك ئېيىق» نى قوغداش ئۈچۈن، سىچۇەن ئۆلكىسى جىنفۇ تېغىنى ئاق شەمشادنى قوغداشنى ئاساس قىلغان تەبىئىي قوغداش رايونى قىلىشنى رەسمىي تەستىقلىدى. ئورمانچىلىق ئورۇنلىرى تېپىلغان ئاق شەمشادلارنى بىر - بىرلەپ نومۇر قويۇپ پەرۋىش قىلىۋاتىدۇ. مۇناسىۋەتلىك تەتقىقات ئورۇنلىرى ئۇلارنى سۈنئىي كۆپەيتىشنى ئەتراپلىق تەتقىق قىلىپ، خۇشاللىنارلىق نەتىجىگە ئېرىشتى.
← بارلىق تېمىلار ئاڭ
ئەڭ ئاز ئۇچرايدىغان قىممەتلىك دەرەخ | UyghurWiki | UyghurWiki