UyghurWiki
UyghurWikiئاڭئەڭ دەسلەپكى دۆلەت شېئىرىنىڭ تېكىستى

ئەڭ دەسلەپكى دۆلەت شېئىرىنىڭ تېكىستى

دۇنيادىكى ئەڭلەر دۆلەت شېئىرى بىر دۆلەتكە ۋەكىللىك قىلىدىغان شېئىر بولۇپ، ھۆكۈمەت تەستىقلىغانلىقتىن كېيىن قوللىنىدۇ. ئۇ ئادەتتە، تەنتەنىلىك يىغىن، خەلقئارالىق مۇراسىم قاتارلىق سورۇنلاردا ئورۇنلىنىدۇ (ئېيتىلىدۇ). دۆلەت شېئىرى ئادەتتە، تېكىست ۋە مۇزىكا دەپ ئىككى قىسىمغا بۆلۈنىدۇ. لېكىن تېكىستى بولمىغان دۆلەت شېئىرلىرىمۇ بار. ياپونىيىنىڭ «پادىشاھ ئەۋلادى» دېگەن دۆلەت شېئىرىنىڭ تېكستى ئەڭ قەدىمقى تېكىست بولۇپ، ئۇنىڭ تارىخىنى 9 - ئەسىرنىڭ ئاخىرلىغا تاقىغىلى بولىدۇ. شېئىرنىڭ تېكىستى ئىلگىرى «پىڭلەي تېغى» دېگەن ساتسۇما پىپا ناخشىسىغا سېلىنغان بولۇپ، ياپونىيىنىڭ تۆت مىسرالىق ناخشىسىدا قوللىنىلغان ئىدى. شېئىرنىڭ ئومۇمىي مەزمۇنى مۇنداق: «پادىشاھ بولۇپ سورايمەن جاھاننى ئەۋلادتىن - ئەۋلادقىچە، چوڭ تاشلار ئۆزگىرىپ ئۇنىڭدىن مۇخلار ئۆسۈپ چىققۇچە » ئەمما «پادىشاھ ئەۋلادى» نىڭ مۇزىكىسىنى ئەڭ ئاۋۋال ئەنگىلىيىنىڭ ياپونىيىدە تۇرۇشلۇق توپچىلار قوشۇنىنىڭ ھەربىي مۇزىكا جاۋگۈەنى جون ۋىلام فىندون مېيىجىڭنىڭ ئىككىنچى يىلى (مىلادى 1870 - يىلى) ئىشلىگەن. ئىككىنچى يىلى مىكادومېيجى يۇجۇڭ ئارىلىدا قۇرۇقلۇق ئارميىسىنى كۆرەك قىلغاندا ئوركېستىر مۇشۇ مۇزىكىنى ئورۇنلىغان. مېيجىڭنىڭ 13 - يىلى (مىلادى 1881 - يىلى ) ئىيۇلدا دېڭىز ئارمىيسى ۋازارىتىنىڭ تەشەببۇسى بىلەن تۆت كىشىدىن تەركىب تاپقان دۆلەت شېئىرىنىڭ مۇزىكىسىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش ھەيئىتى تەشكىللەنگەن. مۇزىكىغا ھەيئەت ئەزالىرىدىن لىن گۇاڭشۇ قەلەم تەۋرىتىپ تۈزىتىش كىرگۈزگەن. بۇ مۇزىكا شۇ يىلى 3 - نويابىردا مىكادومېيجى تۇغۇلغان كۈنىنى خاتىرلەش يۈزىسىدىن خان سارىيىدا تۇنجى قېتىم ئورۇنلىغان. ئەمىلىيەتتە، «پادىشاھ ئەۋلادى» 1888 - يىلى ياپونىيىنىڭ دۆلەت شېئىرى قىلىپ رەسمىي بېكىتىلدى. كېيىن مەكتەپلەردە تەبرىكلەش پائالىيەتلەتلىرى ئۆتكۈزۈلگەندە ئېيتىلىدىغان ناخشا مۇزىكىلىرىدىن بىرى قىلىپ بەلگىلەندى. شۇنىڭدىن تارتىپ ھازىرغا قەدەر ئۆزگەرمەي كېلىۋاتىدۇ. (فېڭ ۋېيبىن)
← بارلىق تېمىلار ئاڭ
ئەڭ دەسلەپكى دۆلەت شېئىرىنىڭ تېكىستى | UyghurWiki | UyghurWiki