ئەڭ كۆپ ھۇجرىلىق مېھمانخانا
دۇنيادىكى ئەڭلەر
سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ پايتەختى مۇسكىۋا شەھىرىدىكى رۇس مېھمانخانىسى دۇنيا بويىچە ئەڭ كۆپ ھۇجرىلىق مېھمانخانىدۇر. بۇ مېھمانخانا تاشقى كۆرۈنۈشى ھەيۋەتلىك قۇرۇلۇشى ھەشەمەتلىك، تۇرمۇش ئۈسكۈنىلىرى مۇكەممەل بولۇپ، سوۋېت ئىتتىپاقى بويىچە يۇقىرى دەرىجىلىك مېھمانخانا ھېسابلىنىدۇ.
رۇس مېھمانخانىسىدا مېھمانلار ئۈچۈن 3200 ھۇجرا راسلانغان بولۇپ، ئەگەر بىر مېھمان بىر ھۇجرىدا بىر كۈندىن تۇرسا، پۈتۈن ھۇجرىلاردا بىر كۈندىن تۇرۇش ئۈچۈن ئۇنىڭغا سەككىز يېرىم يىل ۋاقىت لازىم بولىدۇ. ھازىر بۇ مېھمانخانىدا 3000 خىزمەتچى، 93 لىفىت بار، بۇ لېفىتلار مېھمانلارنى توختىماي توشۇپ تۇرىدۇ. بۇ مېھمانخانا ئالدىراش ۋاقتىدا 6000 مېھماننى بىر ۋاقىتتا بىمالال كۆتەلەيدۇ. مېھمانخانا قورۇسىنىڭ ئوتتۇرىسىدا 22 قەۋەتلىك «زۇڭتۇڭ» مۇنارى بار، موسكىۋا شەھرىنىڭ پۈتۈن مەنزىرىسىنى مۇنارنىڭ ئۈستىدە تۇرۇپ ئوچۇق كۆرگىلى بولىدۇ. بۇ مېھمانخانىنىڭ تانسا زالى دۇنيا بويىچە ئەڭ زور تانسا زالى ھېسابلىنىدۇ.
رۇس مېھمانخانىسىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە، بۇ مېھمانخانىدا موسكىۋا ئاھالىسى تۇرۇشقا بولمايدۇ. ئۇنىڭغا چۈشكەن چەتئەللىك مېھمانلار ئادەتتىكى سوۋېت ئىتتىپاقى ئەمەلدارلىرى تۆلىگەنگە قارىغاندا ئون ئالتە ھەسسە ئۈستۈن ھەق تۆلەيدۇ. بۇ مېھمانخانىنى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئاتاقلىق بىناكارلىق ئۇستىسى د. ئې. چېچورىن ۋە پ. پ. شىكىنلېرلار لايىھىلەپ ياسىغان. (تاۋ شىنشيۇڭ)