ئەڭ چوڭ چايان
دۇنيادىكى ئەڭلەر
چايان _ چايان تۈرىدىكىلەرنىڭ ئومۇمىي ئاتىلىشى بولۇپ، دۇنيا بويىچە ئۇلارنىڭ 600 تۈرى مەلۇم، ئۇلار ئۆمۈچۈكلەر سىنىپىنىڭ چايانلار ئەترىتىگە كىرىدۇ. چايان موخو كېسىلىنى داۋالاشنىڭ ياخشى دورىسى. ئۇنىڭدىن يەنە 30 خىلدىن ئارتۇق جۇڭيى دورىسى ياسىغىلى بولىدۇ. چايان ئاساسلىقى، ئىسسىق بەلباغ ۋە مۆتىدىل ئىسسىق بەلباغ رايونلىرىدا ياشايدۇ، ئىسسىق بەلباغدا ياشايدىغانلىرىنىڭ كۆپىنىڭ جۇغى چوڭ كېلىدۇ. مەسىلەن، غەربىي ئافرىقا ۋە مالاي تاقىم ئاراللىرىغا تارقالغان يېشىل چاياننىڭ جۇغى كىشى ھەيران قالارلىق دەرىجىدە چوڭ بولىدۇ. 1975 - يىلى تەييارلانغان بىر نەچچە ئەۋرىشكە ئىچىدە ئەڭ چوڭىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 35 سانتىمېتىرغا يەتكەن، ئۇنىڭ رەڭگى قىزغۇچ قوڭۇر بولۇپ، تۇرقى راكقا ئوخشاپ كېتىدۇ. پۇتى قىسقۇچ پاقىنىڭ پۇتىغا ئوخشايدۇ، كۆرۈنۈشى باشقىچە بولۇپ، دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ چايان ھېسابلىنىدۇ.