سوقىچاق تاۋۇزنى تۇنجى قېتىم ئۆستۈرگەن ئادەم
دۇنيادىكى ئەڭلەر
ياپونىيىلىك شياۋيېيۇشىڭ دېگەن ئادەم سوقىچاق تاۋۇزنى تۇنجى قېتىم ئۆستۈرگەن. ئۇ سوقىچاق تاۋۇزنى قانداق ئۆستۈرگەن؟ سوقىچاق تاۋۇزنى ئۆستۈرۈش ئۇسۇلى ئادەتتىكى يۇمىلاق تاۋۇزلارنى ئۆستۈرۈشكە ئوخشاپراق كېتىدۇ. پەرقى شۇ يەردىكى، تاۋۇز چۈشۈپ 20 كۈندىن كېيىن ئۇنىڭغا ئالاھىدە ياسالغان بىر خىل چاسا سۇلياۋ خالتا كىيدۈرۈپ قويىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن تاۋۇز سۇلياۋ خالتىنىڭ شەكلى بويىچە ئۆسىدۇ. سۇلياۋ خالتا كىيدۈرۈپ 20 كۈندىن كېيىن، بۇ تاۋۇز ئېگىزلىكى تەخمىنەن 18 سانتىمېتىر كېلىدىغان سوقىچاق تاۋۇز بولۇپ يېتىلىدۇ.
سوقىچاق تاۋۇزنىڭ تەمى ئادەتتىكى تاۋۇزنىڭ تەمىگە تامامەن ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ شەكلىلا بىر ئاز سۈنئىي ئۆزگەرتىلگەن. شۇنداق بولسىمۇ كىشىلەر سوقىچاق تاۋۇزغا قىزىقىپ، تەمىنى تېتىپ بېقىش ئۈچۈنمۇ ئۇنى بەس - بەستە سېتىۋېلىشقان. شۇڭا، سوقىچاق تاۋۇز توكيودا بىر مەھەل بازار تاپقان