باج كىرىمى ئەڭ كۆپ ۋە ئەڭ ئاز دۆلەتلەر
دۇنيادىكى ئەڭلەر
فرانسىيە دۇنيا بويىچە باج كىرىمى ئەڭ كۆپ دۆلەت. 1970 - يىلى بىۋاستە باج، ۋاستىلىق باج، جەمئىيەت ئۆز ئۈستىگە ئالغان باجدىن ئىبارەت ھەر خىل باجلاردىن كىرگەن كىرىمى، فرانسىيە خەلق ئىگىلىكى كىرىمىنىڭ 53% تىنى ئىگەللىگەن.
1973 - يىلى ياپونىيىنىڭ ھەر خىل باج كىرىمى خەلق ئىگىلىكى ىرىمىنىڭ 19.5% ىنى ئىگەللىگەن. ياپونىيە <تەرەققىي قىلغان> دۆلەتلەر ئىچىدە باج كىرىمى ئەڭ ئاز دۆلەت. لېكىن ئىقتىسادنىڭ ئېشىش نىسبىتى دۇنيا بويىچە ئەڭ يۇقىرى ئورۇندا تۇرىدۇ.
باج كىرىمى ئەڭ تۆۋەن بولغان دۆلەتلەر بەھرەيىن، كۈۋەيت قاتارلىقلاردىن ئىبارەت خەلىپىلىك دۆلەتلەردۇر.