UyghurWiki
UyghurWikiئاڭئەڭ تېز دەرەخ كېسىدىغان ئادەم

ئەڭ تېز دەرەخ كېسىدىغان ئادەم

دۇنيادىكى ئەڭلەر ئاۋسترالىيىنىڭ تاسمانىيىدىكى ئوتۇنچى دۇيود (1938 - يىلى تۇغۇلغان) بىر مىنۇت 31 سېكۇنت ئىچىدە ئېگىزلىكى 5 مېتىر، دىئامېتىرى 381 مىللىمېتىر كېلىدىغان دەرەخنىڭ ئۈستىگە چىقىپ، پالتا بىلەن دەرەخنىڭ ئۇچىنى ۋە ئالتە تال چوڭ شېخىنى كېسىپ تاشلاپ، دۇنيا بويىچە ئەڭ تېز دەرەخ كېسىدىغان ئوتۇنچى دېگەن نامغا ئېرىشكەن. ئۇنىڭ ئىنىسى رويى 1961 - يىلى بىر مىنۇت 52.3 سېكۇنتتا دىئامېتىرى 304 مىللىمېتىر كېلىدىغان چوڭ بىر تۈپ دەرەخنى كېسىپ ئۆرۈۋەتكەن. 1953 - يىلى 11 - ئاينىڭ 5 - كۈنى 46 ياشلىق پائول. سېئارلىس، ئامېرىكىنىڭ سېاتىل دېگەن يېرىدە تېز ھەرىدەش بويىچە دۇنيا رېكورتى ياراتقان. ئۇ بىر مىنۇت 26.4 سېكۇنت ئىچىدە قول ھەرىسى بىلەن دىئامېتىرى 812 مىللىمېتىر كېلىدىغان دەرەخنى ھەرىدەپ ئۆرەۋەتكەن. بېلل. دوننىللىي بىلەن ئېرنې خوگگى، 1955 - يىلى 12 - ئاينىڭ 4 - كۈنى يېڭى زېلاندىيىدە 10.2 سېكۇنت ئىچىدە قول ھەرىسى بىلەن توملۇقى 457 مىللىمېتىر كېلىدىغان دەرەخنى ھەرىدەپ كېسىپ، ئىككى ئادەم بىرلىشىپ تېز ھەرىدەش بويىچە ئەڭ يۇقىرى دۇنيا رېكورتى ياراتقان. 1956 - يىلى 3 - ئاينىڭ 3 - كۈنى، ن. شۇربۇرن بىلەن م. رېئېت ئىككىسىمۇ يېڭى زېلاندىيىدە مۇشۇ نەتىجىگە ئېرىشكەن. 1956 - يىلى 2 - ئاينىڭ 11 - كۈنى تانلى بىلەن خوگ ئىككىسى يېڭى زېلاندىيىنىڭ ئىنۋېر كارگىلل دېگەن يېرىدە 12.9 سېكۇنت ئىچىدە توملۇقى 508 مىللىمېتىر كېلىدىغان بىر تۈپ قارىغاينى ھەرىدەپ ئۆرۈۋەتكەن. 1965 - يىلى 11 - ئاينىڭ 27 - كۈنى دېنىس. ئورگان بىلەن گىراخام. سانسون ئىككىسى، يېڭى زېلاندىيىنىڭ سترادفورد دېگەن يېرىدە 18.8 سېكۇنتتا بىر تۈپ ئاق قارىغاينى ھەرىدەپ ئۆرۈۋەتكەن.
← بارلىق تېمىلار ئاڭ