UyghurWiki
UyghurWikiئاڭسال ئۈستىدە ئەڭ ئۇزۇن ۋاقىت ياشىغان ئادەم

سال ئۈستىدە ئەڭ ئۇزۇن ۋاقىت ياشىغان ئادەم

دۇنيادىكى ئەڭلەر خەتەرلىككە ئۇچرىغان بىر ئادەم سال ئۈستىدە 133 كۈن (تۆت يېرىم ئاي) تۇرمۇش كەچۈرگەن. بۇ رېكورتنى ئۇ مەقسەتلىك ھالدا ياراتقان ئەمەس، بۇ كىشىنىڭ ئىسمى پوئونلىم بولۇپ (شياڭگاڭدا تۇغۇلغان). ئەنگلىيىنىڭ <بىن لومونىد> ناملىق سودا پاراخوتىنىڭ ياردەمچى پاراخوت باشلىقى ئىدى. بۇ پاراخوت 1942 - يىلى 11 - ئاينىڭ 23 - كۈنى سائەت 11 دىن 45 مىنۇت ئۆتكەندە ئازور تاقىم ئارىلىدىن 1,200 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى ئاتلانتىك ئوكياندا سۇ مىناسى تېگىپ كېتىپ غەرق بولغان. شۇندىن كېيىن ئۇ، سال ئۈستىدە تۇرمۇش كەچۈرگەن. 1943 - يىلى 4 - ئاينىڭ 5 - كۈنى ئۇنى ئاروزنىڭ سالىناس دېڭىز يۈزىدە برازىلىيىنىڭ بىر بېلىقچى كېمىسى قۇتقۇزۇپ ئالغان، شۇ چاغدا ئۇ قىرغاقتا ماڭالىغىدەك ئەھۋالدا ئىكەن. بۇ مۆجىزە سەۋىۋىدىن ئۇ 1943 - يىلى 7 - ئايدا ئەنگلىيە ئىمپېرىيىسى تەرىپىدىن مېدال بىلەن مۇكاپاتلانغان.
← بارلىق تېمىلار ئاڭ
سال ئۈستىدە ئەڭ ئۇزۇن ۋاقىت ياشىغان ئادەم | UyghurWiki | UyghurWiki