UyghurWiki
UyghurWikiئاڭدېڭىزدىن قۇرۇقلۇققا چىقىپ قىلىنغان ئەڭ چوڭ ئۇرۇش

دېڭىزدىن قۇرۇقلۇققا چىقىپ قىلىنغان ئەڭ چوڭ ئۇرۇش

دۇنيادىكى ئەڭلەر ھەربىي ئىشلار تارىخىدا دېڭىزدىن قۇرۇقلۇققا چىقىپ قىلىنغان ئەڭ چوڭ بىر قېتىملىق ئۇرۇش، 1944 - يىلى 6 - ئاينىڭ 6 - كۈنى ئامېرىكا بىلەن ئەنگلىيىنىڭ دېڭىز - قۇرۇقلۇق ھاۋا بىرلەشمە ئارمىيىسى تەرىپىدىن نۇرماندىيە يېرىم ئارىلىدىكى قۇرۇقلۇقتا ئېلىپ بېرىلغان ئۇرۇش بولۇپ، 745 پاراخوت 38 زۇڭدۈيگە بۆلۈنگەن، دەسلەپكى ئۈچ كۈن ئىچىدە 4,066 پاراخوت بىلەن 185 مىڭ ئادەم، 20 مىڭ ھەربىي ماشىنا توشۇلغان يەنە 347 مىنا تازىلاش پاراخوتى 1,087 ئايروپىلان ئىشلىتىلگەن؛ ئۇندىن باشقا ھاۋادىن 18 مىڭ پاراشوتچى ئەسكەر تاشلىغان، ئۇرۇشقا قاتناشقان 42 دىۋىزىيىنى 13 مىڭ 175 ئايروپىلان قوغداپ بەرگەن. بىر ئاي ئىچىدە بىر مىليون 100 مىڭ ئادەم، 200 مىڭ ھەربىي ماشىنا ۋە 750 مىڭ توننا ماددىي ئەشيا قۇرۇقلۇققا چىقىرىلغان.
← بارلىق تېمىلار ئاڭ