ئەڭ چوڭ زەھەرلىك يىلان
دۇنيادىكى ئەڭلەر
ئاسىيانىڭ جەنۇبىدىكى ئورمانلىقلاردا دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ زەھەرلىك يىلان - كۆزئەينەكلىك سەردار يىلان (Ophiophagushavnah) ياشايدۇ. ئۇنىڭ دۈمبىسى قارامتۇل قوڭۇر بولۇپ، گەجگىسىدە «∧» شەكىللىك ئاقۇش سىزىق بار. دۈمبىسىدە يانلىرى قارامتۇل بولغان تار - ئاق بەلۋاغسىمان 40 - 50 توغرا سىزىق بار. قورسىقى قارامتۇل كۈلرەڭ بولۇپ، ئۇنىڭغا قارا يول - يول سىزىقلار بار. بۇ خىل يىلاننىڭ ئادەتتىكىلىرىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 2 - 3 مېتىرچە كېلىدۇ. رىكورد ياراتقان ئەڭ چوڭىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 5.71 مېتىر كېلىدۇ.
كۆز ئەينەكلىك سەردار يىلان ئىسسىق بەلۋاغ ۋە مۆتىدىل ئىسسىق بەلۋاغ ئورمانلىقلىرىدا ياشايدۇ. كۆپۈنچە ئېرىق بويلىرىغا يېقىن جايلاردىكى تاش يېرىقلىرىدا ياكى دەرەخ كاۋاكلىرىغا يۇشۇرنىۋالىدۇ. بەزىدە دەرەخكە چىقىپ، گەۋدىسىنىڭ ئارقا يېرىمىنى دەرەخكە يۆگەپ، ئالدىنقى يېرىمىنى تۆۋەنگە ساڭگىلىتىپ ياكى يۇقىرىغا كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ. كۆزئەينەكلىك سەردار يىلان، كۆز ئەينەكلىك يىلانغا ئوخشاش، ئاچچىقى كەلگەندە گەۋدىسىنىڭ ئالدىنقى يېرىمىنى تىك كۆتىرىپ ياپىلاقلىنىپ كۇشۇلدايدۇ. ئۇ كۈندۈزى ھەركەت قىلىپ، ئاساسلىقى باشقا خىلدىكى يىلانلار ياكى كەسلەنچۈكلەرنى تۇتۇپ يەيدۇ. ئۇ ئوۋنى چىشلىۋالسا، زادىلا قويۇپ بەرمەيدۇ ھەمدە ئۆز گەۋدىسىنىڭ ئاساسىي ئوقىنى بويلاپ، سائەت ئىستىرىلكىسىغا ئوڭ ۋە تەتۈر يۆلۈنۈش بويىچە نۆۋەت بىلەن توختىماي تېز ئايلىنىدۇ. ئوۋنى زەھەرلەپ، ھوشسىزلاندۇرۇپ، ھالىدىن كەتكۈزگەندىن كېيىنلا، ئۇنى ئاستا - ئاستا بېشىغا قاراپ سىلكىپ، ئاندىن يۇتىدۇ. كۆز ئەينەكلىك سەردار يىلان غازاڭ توپلىنىپ قالغان يەرگە ئۇۋا سېلىپ، شۇ ئۇۋىغا تۇخۇم سالىدۇ - دە، تۇخۇمنى غازاڭ بىلەن كۆمۈپ قويىدۇ. ئادەتتە 21 - 23 تۇخۇم، كۆپ بولغاندا 40 تۇخۇم سالىدۇ. چىشى يىلان تۇخۇمىنى قوغداپ، غازاڭ دۆۋىسىنىڭ ئۈستىدە تەخسىدەك يۆگىلىۋالىدۇ. بەزىدە ئەركەك يىلانمۇ تۇخۇمنى قوغدايدۇ. تۇخۇمدىن يېڭى چىققان بالىسى 50 سانتىمېتىردىن ئۇزۇنراق كېلىدۇ.
كۆز ئەينەكلىك سەردار يىلان يىرتقۇچ بولۇپ، ئادەم ۋە چارۋا ماللارغا ئۆزلۈكىدىن ھۇجۇم قىلىدۇ. ئۇنىڭ گەۋدىسى ناھايىتى يوغان بولغانلىقتىن، خېلى كۆپ زەھەر ئىشلەپچىقىرىدۇ. ھەر بىريىلاننىڭ بىر قېتىم چىشلىگەندە چىقىرىدىغان زەھەرنىڭ مىقدارى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 100 مىللىي گرامدىن ئاشىدۇ. بۇ زەھەرنى ئاق توشقاننىڭ تېرە ئاستىغا ئوكۇل قىلىپ سالغاندا، ئۇنىڭ ئۆلۈشى ئۈچۈن ھەر كىلوگرامغا 0.34 مىللىيگراملا كۇپايە قىلىدۇ. ئۇنىڭ زەھەر سۇيۇقلۇقىنىڭ تەركىبىدە نېرۋا ۋە قان ئايلىنىشىنى زەھەرلەيدىغان زەھەرلەر بولىدۇ. بۇ يىلان بىر كىمنى چېقىۋالسا، ئۇنىڭ زەھىرى كۈچلۈك تەسىر قىلىدۇ. ۋاقتىدا قۇتقۇزۇۋېلىنمىسا، ئاسانلا ئۆلتۈرۈپ قويىدۇ.(ماجىفەن)