UyghurWiki
UyghurWikiئاڭئەڭ بېسىق بوغۇز

ئەڭ بېسىق بوغۇز

دۇنيادىكى ئەڭلەر مۇھىم دېڭىزلار كۆپىنچە دېڭىز قاتنىشىنىڭ ئېغىزىدا بولۇپ، نۇرغۇنلىغان مۇھىم دېڭىز يوللىرى شۇلار ئارقىلىق تۇتىشىدۇ. غەربىي ياۋروپادىكى دوۋېر بوغۇزى (كالې بوغۇزى دەپمۇ ئاتىلىدۇ)ئەنە شۇلارنىڭ بىرى. ئۇ شىمالىي دېڭىز بىلەن ئاتلانتىك ئوكياننى تۇتاشتۇرىدىغان يول بولۇپ، غەربىي شىمالىي ياۋروپادىكى ئون نەچچە دۆلەت بىلەن دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرى ئوتتۇرىسىدىكى دېڭىز يوللىرىنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك مۇشۇ يەردىن ئۆتىدۇ. شۇنىڭدەك ئۇ ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇقى بىلەن ئەنگىلىيە ئوتتۇرىسىدىكى ئەڭ يېقىن يول ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا بۇ بوغۇزدا قاتناش ئىنتايىن بېسىق بولۇپ، ئۇنىڭدىن ھەرقانداق ۋاقىتتا قىرىقچە كېمە ئۆتۈپ تۇرىدۇ. يىلىغا 120 مىڭ قېتىمدىن ئارتۇق كېمە قاتنايدۇ (1941 - يىلى قاتنىغان كېمىلەرنىڭ قېتىم سانى 175 مىڭغا يەتكەن، توشۇلغان ماللار 600مىليون توننىدىن ئاشقان). بۇ بوغۇز مالاككا ، جەبىلتارىققا ئوخشىغان مۇھىم بوغۇزلاردىن خېلىلا ئېشىپ چۈشىدۇ. دوۋېر بوغۇزى ئومۇمەن شەرقىي شىمال - غەربىي جەنۇب بويىچە يۆنەلگەن بولۇپ، ئوتتۇرىسى تار، ئىككى بېشى كەڭ كەلگەن، ئەڭ تار يېرى 28.8 كىلومېتىر كېلىدۇ. ھاۋا ئوچۇق ۋاقتىدا ئەنگىلىينىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى دوۋېر پورتى بىلەن فرانسىيىنىڭ شىمالىدىكى كالې پورتىنىڭ غەربىدىكى تۇمشۇق ئوتتۇرىسىدا ئۇياقتىن بۇياقنى ئوچۇق پەرق ئەتكىلى بولىدۇ. بوغۇزنىڭ كۆپ يەرلىرىنىڭ چوڭقۇرلۇقى 24 - 50مېتىر كېلىدۇ. ئەڭ چوڭقۇر يېرى 64 مېتىرغا يېتىدۇ. بۇ بوغۇز غەرب شامىلى بەلۋېغىغا جايلاشقانلىقتىن، ئاتلانتىك ئوكياننى توغرىسىغا كېسىپ مېكسىكا قولتۇقىغا بارىدىغان ئىسسىق ئېقىم (جەنۇبىي تارمىقى)غەربتىن شەرققە قاراپ ئۆتىدۇ. بۇ بوغۇز دەل غەربكە ئاغزى ئېچىلغان كاناي شەكلىدە تۈزۈلگەنلىكتىن، ناھايىتى زور دېڭىز دولقۇنى ھاسىل بولىدۇ، ئەڭ زوردولقۇن پەرقى توققۇز مېتىردىن ئاشىدۇ. ئىسسىق ئېقىم بىلەن شىمالىي مۇز ئوكياندىن جەنۇبقا كەلگەن سۇغۇق ھاۋا مۇشۇ يەردە ئۇچراشقانلىقتىن، بۇ بوغۇز دۇنيا بويىچە ئەڭ تۇمانلىق جايلاردىن بىرى ھېسابلىنىدۇ. بۇنىڭدىن كېمىلەر ئۈزۈلمەي ئۆتۈپ تۇرىدۇ. بۇ يەردە كېمىلەر خېلىلا تىقما - تىقماق بولغانلىقتىن، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھاۋا تۇمانلىق بولۇپ، سۇ ئاستى خادا تاشلىرى ۋە تېيىز يەرلەرنى پەرق ئەتمەك تەس بولغانلىقتىن، كېمىلەرنىڭ بىر - بىرىگە سوقۇلۇپ كېتىش، تېيىز يەرگە پېتىپ قېلىش، چۆكۈپ كېتىش ۋەقەلىرى دائىم بولۇپ تۇرىدۇ. دۇنيا بويىچە يۈز بېرىدىغان كېمە سوقۇلۇش ۋەقەلىرىنىڭ يېرىمى دېگۈدەك مۇشۇ يەردە پەيدا بولىدۇ. دوۋېر بوغۇزىنىڭ ئىككى قىرغىقىدا تۆت جۈپ كېچىك بولۇپ، بۇ يەردىن پويىزلار نۆۋەت بىلەن ئۆتەلەيدۇ. 1969 - يىلى كېچىكتن ئۆتكەن ئاپتۇموبىل 870مىڭغا، ئادەم قېتىمى تۆت مىليون 400 مىڭغا يەتكەن بولۇپ، ئىنتايىن تىقما - تىقماق بولغان.1973- يىلى ئەنگىلىيە بىلەن فرانسىيە رەسمىي كېلىشىم تۈزۈپ، بۇ بوغۇزنىڭ ئاستىدىن تونېل قېزىشنى قارار قىلدى ۋە بۇ زور قۇرۇلۇشنى باشلىۋەتتى. تونېل ئەنگىلىينىڭ دوۋېر پورتى قېشىدىكى چېلتوندىن باشلىنىپ، فرانسىيىدىكى كالې پورتىنىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى سېن - كاتوغا يېتىپ بارىدۇ، ئۇزۇنلۇقى 62.4 كىلومېتىر كېلىدۇ. بۇ قۇرۇلۇش پۈتكەندىن كېيىن، بوغۇزدىن يىلىغا 16 مىلىيون يولۇچى ۋە تۆت مىليون 500 مىڭ توننا مال ئۆتكۈزگىلى بولىدۇ. پويىزلارنىڭ ئۆتۈش ۋاقتى كېچىكتن ئۆتۈش ۋاقتىغا قارىغامدا بەشتىن تۆت ھەسسە قىسقىرايدۇ. (جياڭ چاڭيۇي)
← بارلىق تېمىلار ئاڭ