ئارغامچىدا ئەڭ كۆپ مېڭىشتا يۇقىرى رېكورت ياراتقان ئادەم
دۇنيادىكى ئەڭلەر
خېنرى رېچاتىن يەنە بىر ئىسمى خېنرېس، ئاغامچىدا مېڭىش ۋە تەڭپۇڭلۇقنى ساقلاشتا 10 تۈرلۈك دۇنيا رېكورتى ياراتقان:
1964 - يىلى لىئون شەھرىدە تەڭپۇڭلۇقنى ساقلاش ياغىچى ئىشلەتمەي، سىمدا ئالتە سائەت مېڭىپ، دۇنيا رېكورتى ياراتقان.
1965 - يىلى ئۇ، ئايالى يانىك بىلەن بىللە سىمدا 174 سائەت مېڭىپ، دۇنيا رېكورتى ياراتقان.
1968 - يىلى برىئودېدا سائىتىگە 155 كىلومېتىر تېزلىكتە كېتىۋاتقان ئاپتوموبىلنىڭ ئۈستىدە سىمدا مېڭىپ دۇنيا رېكورتى ياراتقان.
1969 - يىلى سوپېر - بېسېدا ئالتە سائەت ئىچىدە سىمدا 3.5 كىلومېتىر مېڭىپ، دۇنيا رېكورتى ياراتقان.
1973 - يىلى سائېنت ئېتىننېدىكى بىر ماگىزىننىڭ ئاپتوموبىل توختاش مەيدانىدا يەردىن 25 مېتىر ئېگىزلىككە سىم تارتىپ، سىم ئۈستىدە ئالتە ئاي تۇرغان. بۇ سىمنىڭ ئۇزۇنلۇقى 120 مېتىر، توملۇقى 10 مىللىمېتىر. شۇنىڭ بىلەن ئۇ بوشلۇقتا 3.365 سائەت تۇرۇپ، سىمدا مېڭىشتا يارىتىلغان رېكورتلارنى بۇزۇپ تاشلىغان.
1975 - يىلى 2 - ئايدا فرانسىيىنىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى ئايگوللې تېغىدا دېڭىز يۈزىدىن 3800 مېتىر ئېگىزلىكتىكى 1.200 مېتىر چوڭقۇر ھاڭنىڭ ئۈستىدە ئارغامچىدا مېڭىپ، بىرلا ۋاقىتتا ئىككى تۈر بويىچە دۇنيا رېكورتى ياراتقان.
1975 - يىلى 6 - ئايدا، ئۇ ئايالى يانىك ۋە فرانسىيىنىڭ دالىدا موتسىكلىت مىنىش چىمپىيونى فرانك يوكاسلار بىلەن ئارغامچىدا موتسىكلىت مىنىپ نياگارا شارقىراتمىسى ئۈستىدىن ئۆتكەن. موتسىكلىتتىنى فرانك يوكاس ھەيدىكەگەن، خېنرېس موتسىكلىتنىڭ ئۈستىدە تۇرۇپ تەڭپۇڭلۇقنى ساقلاپ بەرگەن. موتوسىكلىت جازىسىغا ئارغامچا بىلەن يانىكنى ساڭگىلىتىپ قويغان.
1975 - يىلى 6 - ئايدا، ئۇ كانادادىكى ئېگىزلىكى 160 مېتىر كېلىدىغان <سىكىلون> مۇنارىسىنىڭ ئۈستىدە ئىككى دانە ئورۇندۇق قويۇپ، ھېچقانداق قوغدىنىش ئەسۋابى ئىشلەتمەي ئورۇندۇق ئۈستىدە تەڭپۇڭلۇقنى ساقلاش ھەرىكىتى ئېلىپ بارغان.
1975 - يىلى 7 - ئايدا رىۋنېون ئارىلىدا ئۇ، ئۇزۇنلۇقى 1200 مېتىر، بوشلۇقتىكى ئېگىزلىكى 600 مېتىر كېلىدىغان سىمدا مېڭىپ دۇنيا رېكورتى ياراتقان.