UyghurWiki
UyghurWikiئاڭئالتۇن زاپىسى ئەڭ كۆپ دۆلەت

ئالتۇن زاپىسى ئەڭ كۆپ دۆلەت

دۇنيادىكى ئەڭلەر ئامېرىكىنىڭ ئالتۇن زاپىسى دۇنيا بويىچە ئەڭ كۆپ بولۇپ، ساقلاش مىقدارى 11 مىليارد 950 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا تەڭ كېلىدۇ. كېتنوككى شتاتىنىڭ نوكسىبورگ شەھىرىدىكى ئالتۇن ساقلاش ئىسكىلاتى ئامېرىكىنىڭ ئەڭ چوڭ ئالتۇن ساقلاش ئىسكىلاتى بولۇپ، ساقلىنىۋاتقان ئالتۇننىڭ ھەر بىر پارچىسىنىڭ ئېغىرلىقى 400 ئۇنسىيە (12.44 كىلوگرام)، ھەجىمى 17.7 × 9.2 ×2.8 سانتىمېتىر، قىممىتى 14 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىغا تەڭ كېلىدۇ. نۆۋەتتە ئالتۇننى ئەڭ كۆپ ساقلاۋاتقان ئورۇن ئامېرىكىنىڭ نيو - يورك شەھىرى ئەركىنلىك چوڭ كوچىسى 33 - نومۇردىكى فېدىراتىپ زاپاس ساقلاش بانكىسى بولۇپ، بۇ بانكا چەتئەل بانكىلىرىغا 15 مىليارد 500 مىليون ئامېرىكا دوللىرى قىممىتىدە ئالتۇن ساقلاپ بېرىۋاتقانلىقىنى ئېتىراپ قىلغان. بىخەتەر ئالتۇن ساقلاش ساندۇقلىرى 25 مېتىر چوڭقۇرلۇقتىكى يەر ئاستى ئۆيلىرىگە قويۇلغان. يەر ئاستى ئۆيىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 30 مېتىر، كەڭلىكى 15 مېتىر بولۇپ، پولات ئىشىكنىڭ ئېغىرلىقى 90 توننا كېلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئاڭ