ئەڭ ئېگىزدىن سۇغا سەكرىگەن تەنھەرىكەتچى
دۇنيادىكى ئەڭلەر
مىلسكىنىڭ ئاكا پۇلكودىكى كەسپىي سۇغا سەكرەش تەنھەرىكەتچىلىرى ئاجايىپ ماھارەتكە ئىگە بولۇپ، ئۇلار ئېگىزلىكى 38.40 مېتىر كېلىدىغان لاچۇ ئېبرادا چوققىسىدىن چوڭقۇرلۇقى 3.65 مېتىر كېلىدىغان سۇغا سەكرىيەلەيدۇ. 25 نەپەر سۇغا سەكرىگۈچىنىڭ يېتەكچىسى رائول گاربىئا بولۇپ، ئۇ 1928 - يىلى تۇغۇلغان. تىك يارنىڭ ئاستىدا 6.4 مېتىر ئالدىغا چىقىپ تۇرىدىغان قۇرام تاشا بولغانلىقتىن، سۇغا سەكرىگۈچى مۇقەررەر ھالدا ئالدى تەرەپكە 8.2 مېتىر سەكرىشى لازىم. ئۇنداق بولمىغاندا تاشقا سوقۇلۇپ ئۆلۈپ كېتىش خەۋپى تۇغۇلىدۇ. بۇنداق سەكرەش ناھايىتى خەتەرلىك تەنھەرىكەت ھېسابلىنىدۇ.