UyghurWiki
UyghurWikiئاڭتۈۋرۈكنىڭ ئۇچىدا ئەڭ ئۇزۇن ۋاقىت تۇرغان ئادەم

تۈۋرۈكنىڭ ئۇچىدا ئەڭ ئۇزۇن ۋاقىت تۇرغان ئادەم

دۇنيادىكى ئەڭلەر بۇ جەھەتتە <خەلقئارالىق قائىدە> بولمىغانلىقتىن تۈۋرۈك ئۈستىدىكى <تۇرمۇش ئۆلچىمى> مۇ ئوخشاش بولمايدۇ. 1975 - يىلى 6 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن 1976 - يىلى 7 - ئاينىڭ 4 - كۈنىگىچە، ئامېرىكىلىق فرانك پېركنىس دېگەن ئادەم، كالىفورنىيە شتاتىنىڭ سان جوسې شەھىرىدە ئېگىزلىكى 15 مېتىر كېلىدىغان بىر تال سىم تاناپ تۈۋرۈكنىڭ ئۈستىگە ئورنىتىلغان تەرەپ ئۇزۇنلۇقى 2.4 مېتىر كېلىدىغان چاسا ساندۇقنىڭ ئىچىدە 399 كۈن تۇرمۇش كەچۈرگەن. ھازىرقى زامان رېكورتى بىلەن قەدىمقى زامان رېكورتىنى سېلىشتۇرۇش مۇمكىن ئەمەس. سادانىئېر ئىسىملىك بىر ماناخ (409 - 496) سۈرىيىدە بىر تال تۈۋرۈكنىڭ ئۈستىدە 33 يىل 3 ئاي تۇرمۇش كەچۈرگەن. بۇ ئادەملەرنىڭ تۈۋرۈك ئۈستىدە ئەڭ ئۇزۇن ۋاقىت تۇرمۇش كەچۈرۈش رېكورتى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئاڭ