تۇنجى قېتىم پاراشوت بىلەن سەكرىگەن ئادەم
دۇنيادىكى ئەڭلەر
1783 - يىلى فرانسىيىلىك سېباستېن لېنورماند ئېرو ئۆلكىسىنىڭ مونىت پىللېردىكى كۈزىتىش مۇنارىسدا پاراشوت بىلەن سەكرەشكە ئوخشايدىغان ئويۇن كۆرسەتكەن، ئۇ بىر خىل كۇنۇس شەكىللىك پاراشوتنى ئىشلەتكەن.
1797 - يىلى 10 - ئاينىڭ 22 - كۈنى فرانسىيىلىك ئاندرې گارنېرىن پارىژدىكى موسېئاۋ باغچىسى ھاۋا بوشلۇقىدا 679 مېتىر ئېگىزلىكتىكى شاردىن بىرىنچى نۆۋەت پاراشوت ئارقىلىق سەكرەپ چۈشكەن.
1912 - يىلى 3 - ئاينىڭ 1 - كۈنى ئامېرىكىلىق ئالبېرت بىررىي بىرىنچى بولۇپ، مىسسۇرى شتاتى سېنت لۇئىس شەھىرىنىڭ ھاۋا بوشلۇقىدا ئايروپىلاندىن پاراشوت بىلەن چۈشكەن.
1919 - يىلى 4 - ئاينىڭ 19 - كۈنى لېسلې لىرۋىن (1895 - 1966) ئامېرىكىنىڭ ئوھو شتاتىدىكى مىككو ئوك دالاسىنىڭ ھاۋا بوشلۇقىدا بىرىنچى بولۇپ ئايروپىلاندىن پاراشوت بىلەن ئەركىن شەكىلدە چۈشكەن.
جېئاننې گارنېزىن - ئاياللاردىن بىرىنچى بولۇپ پاراشوت بىلەن چۈشكەن (1775 - 1847)