بالىياتقۇنىڭ سىرتىدا ئۆسكەن تۇنجى بوۋاق
دۇنيادىكى ئەڭلەر
نورمال تۇغۇلغان بوۋاق ئانا تېنىنىڭ بالىياتقۇسىدا ئۆسۈپ يېتىلىدۇ. ئەگەر ئۇرۇقلانغان تۇخۇم بالىياتقۇدا بولماي، بالىياتقۇ سىرتىدىكى ئۇرۇق يەتكۈزۈش نەيچىسى، تۇخۇمدان ياكى قورساق بوشلۇقى قاتارلىق ئورۇنلاردا تۇرۇپ قالسا، بۇ ھال تېبابەتچىلىكتە غەيرىي ئورۇندىكى ھامىلە دەپ ئاتىلىدۇ. ئامېرىكىنىڭ مونكلوس دېگەن يېرىدىكى مېمارى دوختۇرخانسىدا بالىياتقۇ سىرتىدا ھامىلىدار بولغان بىر ئايال تۇغدۇرۇلدى. بۇ بالا دۇنيا بويىچە بالىياتقۇ سىرتىدا (يەنى قورساق بوشلۇقىدا) ئۆسكەن تۇنجى بالا ھېسابلىنىدۇ. بۇ 28 ياشلىق ھامىلىدار ئايالدا ئۇرۇقلانغان تۇخۇم بالىياتقۇ سىرتىدىكى تۇخۇم يەتكۈزۈش نەيچىسىگە ئورۇنلاشقان بولۇپ، ئۇرۇقلانغان تۇخۇم بىر ئايدىن ئارتۇق ئۆسكەندە تۇخۇم يەتكۈزۈش نەيچىسى يېرىلىپ كېتىپ قورساق بوشلۇقىغا چۈشكەن، شۇنىڭ بىلەن قورساق بوشلۇقىدا ئۆسۈپ يېتىلگەن، ئايال قورساق كۆتۈرۈپ ئالتە ئاي بولغاندا تۇيۇقسىز ھۇشىدىن كەتكەن ھەمدە ئىچىدىن كۆپلەپ قان كېتىپ، ھاياتى خەۋپ ئاستىدا قالغان. شۇنىڭ بىلەن بۇ ئايال دەرھال مېمارى دوختۇرخانىسىغا ئېلىپ كېلىنگەن. دوختۇرلار قورساقنى يارماقچى بولۇپ، ئائىلە تەۋەلىرىگە بالىنىڭ تىرىك تۇغۇلمايدىغانلىقىنى، ئەمما ئىمكانىيەتنىڭ بېرىچە ئانىسىنىڭ ھاياتىنى قۇتۇلدۇرۇپ قالىدىغانلىقىنى ئېيتقان. لېكىن ئەھۋال دوختۇرلارنىڭ ئويلىغىنىدەك بولماي، بالا تىرىك تۇغۇلغان. بالىنىڭ ئېغىرلىقى ئاران بىر جىڭ ئىككى سەر، بويى 36 سانتىمېتىر بولسىمۇ، لېكىن ئۇ نورمال ئۆسكەن. بالا تۇغۇلغاندىن كېيىن دەرھال چالا تۇغۇلغان بالىلار بۆلۈمىنىڭ ئىسسىق ساقلاش ئىشكاپىغا قويغان. بوشانغان ئايالنىڭ سالامەتلىكىمۇ تېز ئەسلىگە كەلگەن، يېڭىدىن دۇنياغا كۆز ئاچقان بۇ بالىغا «كىچىك مۆجىزە» دەپ ئىسىم قويۇلغان.
ئامېرىكىدىكى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ ئىستاتىستىكىلىق مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، بۇنداق بالىياتقۇ سىرتىدا ھامىلىدار بولۇش پۇرسىتى نەچچە مىليوندىن بىر پىرسەنتلا بولىدىكەن. تۇغۇلغان بالىنىڭ تىرىك قېلىشى تېخىمۇ ئاز ئۇچرايدىكەن. بۇنداق غەلىتە ئەھۋالنى ھازىر تېخى چۈشەندۈرگىلى بولمايدۇ، يەنىمۇ تەتقىق قىلىشقا توغرا كېلىدۇ.