ئاھالىسى ئەڭ شالاڭ رايون
دۇنيادىكى ئەڭلەر
1956 - يىلى 10 - ئايدىن بۇيان، ئانتاركىتكا قىتئەسىدە بىرمۇنچە پەن - تېخنىكىلىق كۈزىتىش پونكىتلىرى قۇرۇلۇشقا باشلىدى. بۇ يەردە ئولتۇراقلاشقان ئاھالىلارنىڭ سانى پەسلىگە قاراپ ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ. ئەڭ كۆپ ۋاقىتلاردا 1500 كىشى بولىدۇ.
1977 - يىلدىكى ستاتىستىكىدا گرېنلاندىيە ئارىلىدا 50 مىڭ ئادەم بار ئىدى. بۇ ئارالنىڭ يەر مەيدانى ئىككى مىليون 175 مىڭ كۇۋادىرات كىلومېتىر بولۇپ ئاھالىنىڭ زىچلىقى 43.5 كۋادىرات كىلومېتىرغا بىر ئادەمدىن توغرا كېلىدۇ. بۇ ئارالنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىنى قار، مۇز قاپلاپ كەتكەن، مۇز قاپلىمىغان يېرى پەقەت 324 مىڭ كۋادىرات كىلومېتىر كېلىدۇ.