UyghurWiki
UyghurWikiئاڭيادرو قۇۋۋىتى بىلەن يۈرىدىغان تۇنجى ھەربىي پاراخوت

يادرو قۇۋۋىتى بىلەن يۈرىدىغان تۇنجى ھەربىي پاراخوت

دۇنيادىكى ئەڭلەر يادرو قۇۋۋىتى بىلەن ۇۈرىدىغان ھەربىي پاراخوت 50 - يىللارنىڭ مەھسۇلاتى. ئۇنىڭدىن ئىلگىرى پاراخوتلار خېلى مەزگىلگىچە كۆمۈر، نېفىتنىڭ قۇۋۋىتى بىلەن يۈرۈپ كەلگەنىدى. شۇڭا، ئامېرىكىنىڭ 1955 - يىلى 17 - يانۋاردا ياسىغان «نائۇتىلۇس» ناملىق سۇ ئاستى كېمىسىگە يادرونى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قىلغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەر ئېلان قىلىنىشى بىلەن پۈتۈن يەرشارى قاتتىق زىلزىلىگە كەلدى. «نائۇتىلۇس» ناملىق ھەربىي كېمىنىڭ ياسىلىشىنى ئىلگىرى سۈرگۈچى ۋە ئۇنىڭ تېخنىكا يېتەكچىسى دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ شاڭجياڭى ھېيمان.گ. رىكوۋېر ئىدى. ئۇ كارامەت ئادەم بولۇپ، يادرولۇق دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ ئاتىسى دەپ ئاتالغان. رىكوۋېر 1950 - يىلى دۆلەت مەجلىسىنى قايىل قىلىپ، يادرو قۇۋۋىتى بىلەن يۈرىدىغان دۇنيا بويىچە تۇنجى سۇ ئاستى كېمىسىنى ياساش ھوقۇقىغا ئىگە بولدى. دۇنيا بويىچە ئەڭ دەسلەپكى يادرو سۇ ئاستى كېمىسى بولغان «نائۇتىلۇس» ناملىق كېمىنى تەتقىق قىلىپ ياساش ئىشى 1952 - يىلى باشلاندى. بۇ كېمە 1954 - يىلى 1 - يانۋاردا ئەتىگەندە 10 مىڭ زىيارەتچىنىڭ ئالقىش ساداسى ۋە كېمە زاۋۇتى شۇنىڭدەك ھەربىي پاراخوتلارنىڭ گۈدۈك ئاۋازى ئىچىدە رەڭگارەڭ بايراقلارنى ئېسىپ، كېمە سۇپىسىدىن ئاستا سۇغا چۈشتى. «نائۇتىلۇس» ناملىق يادرو سۇ ئاستى كېمىسى 1954 - يىلى خىزمەت ئۆتىدى. ئامېرىكا 1955 - يىلى تۇنجى تۈركۈمدىكى يادرو سۇ ئاستى كېمىلىرىنى ئىشلىدى؛ 1959 - يىلى «راي» ناملىق يادرولۇق سۇ ئاستى كېمىسىدىن تۆتى خىزمەت ئۆتىدى. 1960 - يىلى ئامېرىكىنىڭ «ئامېرىكا بېلىقى» ناملىق يەنە بىر يادرو سۇ ئاستى كېمىسى يەرشارىنى سۇ ئاستىدا تۇنجى قېتىم بىر ئايلىنىپ چىقتى. يادرو سۇ ئاستى كېمىسىنى تەتقىق قىلىپ ياساش مۇۋەپپەقىيەت قازانغاندىن كېيىن، ئامېرىكا يادرو قۇۋۋىتى بىلەن يۈرىدىغان دۇنيا بويىچە تۇنجى زور تىپتىكى باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىق قوغلىغۇچى كېمە _ «بانبورىچ»، يادرو قۇۋۋىتى بىلەن يۈرىدىغان تۇنجى ئوكيان چارلاش پاراخوتى _ «لۇنگى پېچ» ۋە يادرو قۇۋۋىتى بىلەن يۈرىدىغان تۇنجى ئاۋىئاماتكا _ «كارخانا» ناملىق پاراخوتلارنى ئارقىمۇ - ئارقا ياساپ چىقتى. «كارخانا»، «لۇنگى پېچ» ۋە «بامبورىچ» ناملىق كېمىلەر 1964 - يىلى ئەترەت بولۇپ تەشكىللىنىپ، يول ئۈستىدە يېقىلغۇ قۇيماي يەر شارىنى بىر قېتىم ئايلىنىپ چىقتى. بۇ سەپەردە 31 مىڭ دېڭىز مىلى يول باستى. ئوتتۇرىچە تېزلىكى سائىتىگە 20 دېڭىز مىلى بولۇپ، 64 كۈن يۈردى.
← بارلىق تېمىلار ئاڭ
يادرو قۇۋۋىتى بىلەن يۈرىدىغان تۇنجى ھەربىي پاراخوت | UyghurWiki | UyghurWiki