مىللىي ئىشلەپچىقىرىشنىڭ ئەڭ يۇقىرى ئومۇمىي قىممىتى
دۇنيادىكى ئەڭلەر
ھازىر بىر يىلدا دۇنيا بويىچە مىلياردلاپ بايلىق يارىتىلىدۇ. بۇ بايلىقنىڭ تەقسىماتى تەكشى ئەمەس. ئەگەر دۆلەتلەر بويىچە بولىدىغان بولساق، ئاھالىسى دۇنيا ئومۇمىي ئاھالىسىنىڭ 15 %نىلا تەشكىل قىلىدىغان 29 دۆلەت دۇنيا بويىچە ئومۇمىي دارامەتنىڭ 60% نى ئېگەللەيدۇ. دۇنيا ئاھالىسىنىڭ 20 - 21 %نى تەشكىل قىلىدىغان كەمبەغەل دۆلەتلەر بولسا، دۇنيا بويىچە ئومۇمىي دارامەتنىڭ ئىككى پىرسەنتىنىمۇ ئىگەللىيەلمەيدۇ.
دۇنيادا مىللىي ئىشلەپچىقىرىشنىڭ ئومۇمىي قىممىتى ئەڭ يۇقىرى دۆلەت ئامېكا ھېسابلىنىدۇ. 1977 - يىلى ئامېرىكىنىڭ مىللىي ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى بىر تىرىلىيون 900 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىپ، ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان سوۋېت ئېتىپاقىدىن كۆپ ئېشىپ كەتكەن. ياپونىيە، غەربىي گېرمانىيە، فرانسىيە، ئەنگىلىيە بولسا 3 - ، 4 -، 5 - ، 6 - ئورۇندا تۇرىدۇ. بۇ تەرتىپ يېقىنقى بىر قانچە يىلدىن بۇيان ئۆزگەرمەي كەلدى.
ئەمما ئادەم بېشىغا ئوتتۇرىچە ھېسابلىغاندا، مىللىي ئىشلەپچىقىرىشنىڭ ئومۇمي قىممىتى ئەڭ يۇقۇرى دۆلەت ئامېرىكا ئەمەس، بەلكى پەقەت تۆت مىڭلا پۇقراسى بولغان. تەبئىي فوسفور ئوغۇتى ئىشلەپچىقىرىدىغان دۆلەت تاۋرو بولۇپ، ئۇنىڭ مىللىي ئىشلەپچىقىرىشى ئادەم بېشىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 25 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىدىن توغرا كېلىدۇ. ئاھالىسى ئاز، نېفىت بايلىقى مول بولغان. نېفىت ئىشلەپچىقىرىدىغان ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭمۇ دارامىتى ئىنتايى يۇقىرى. 1977 - يىلى ناۋرونى ھېسابقا ئالمىغاندا، مىللىي ئىشلەپچىقىرىشنىڭ ئادەم بېشىغا ئوتتۇرىچە توغرا كېلىدىغان ئومۇمىي قىممىتى ئەڭ يۇقىرى بولغان ئالدىنقى ئون دۆلەتلەر مۇنۇلار بولدى. ئەرەب بىرلەشمە خەلپىلىكى (14000ئامېرىكا دوللىرى )، كۇۋەيت(12000ئامېرىكا دوللىرى )، قاتار(11370ئامېرىكا دوللىرى )، شىۋىتسارىيە(11080ئامېرىكا دوللىرى )، شىۋېتسىيە(9340ئامېرىكا دوللىرى )،دانىيە(9160ئامېرىكا دوللىرى )، ئامېرىكا(8750ئامېرىكا دوللىرى )،غەربىي گېرمانىيە(8620ئامېرىكا دوللىرى )، نورۋېگىيە(8570ئامېرىكا دوللىرى )، كانادا(8350ئامېرىكا دوللىرى )، 1978 - يىلىدىكى تەرتىپ 1977 - يىلىدىكىدىن ئانچە ئۆزگەرمىدى. ناۋرونى ھېسابقا ئالمىغاندا ئومۇمەن مۇنداق : شىۋىتسارىيە (13850ئامېرىكادوللىرى )،كۇۋەيت(13000ئامېرىكا دوللىرى )، دانىيە(10950ئامېرىكا دوللىرى )، شىۋېتىسيە(ئامېرىكا دوللىرى )، غەربىي گېرمانىيە(10420ئامېرىكا دوللىرى )، بېلگىيە(9940ئامېرىكا دوللىرى )،نۇرۋېگىيە(9850ئامېرىكا دوللىرى )،ئامېرىكا(9650ئامېرىكا دوللىرى )، گوللاندىيە(9370ئامېرىكا دوللىرى )، سەئۇدىي ئەرەبىستانى(9330ئامېرىكا دوللىرى ).
مىللىي ئىشلەپچىرىشنىڭ ئادەم بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئوتتۇرىچە قىممىتى بىر دۆلەتتە ئەمىلىي تەقسىم قىلىنىش ئەھۋالنى كۆرسەتمەيدۇ. شۇنداقلا خەلق ئاممىسىنىڭ ئەمىلىي تۇرمۇش سەۋىيىسىنىمۇ كۆرسەتمەيدۇ. ئەلۋەتتە، چۈنكى، بىر كاپىتالىستىك مەملىكەتتەئەڭ باي شەخس بىلەن ئەڭ كەمبەغەل شەخس ئوتتۇرىسىدىكى پەرق ئىنتايىن زور بولىدۇ. (لى ۋېيجىڭ)