ئەڭ چوڭ سەيلە كېمىسى
دۇنيادىكى ئەڭلەر
كانناد پاراخوت شىركىتىنىڭ ئىگىلىكىدە بولغان، ئەنگىلىيە ئايال پادىشاھىنىڭ نامى بىلەن ئاتىلىدىغان «ئايال پادىشاھ ئېلزابىت - 2 » سەيلە كېمىسى ھازىر دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ سەيلە كېمىسى ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 293.6 مېتىر، كۆتۈرىدىغان يۈكى 69916 توننا بولۇپ، 1969 - يىلى پۈتكەن، مەخسۇس دۇنيانى سەيلە قىلىش ئۈچۈن لايىھىلەنگەن بۇ كېمە ھەشەمتىلىك، كەڭ - كۇشادە ۋە ئېگىز ياسالغان. ئۇنىڭدا سەيلىچىلەرنىڭ دەم ئېلىش، كۆڭۈل ئېچىش، تاماق يېيىش، تانسا ئويناش، سۇ ئۈزۈش قاتارلىق پائالىيەتلىرى ئۈچۈن 13 ئورۇن تەييارلانغان. يىراقتىن قارىغاندا، بۇ كېمە گويا دېڭىز ئۈستىدىكى بىر ھەيۋەتلىك شەھەرگە ئوخشاپ كېتىدۇ. سەيلە كېمىسى سەيلىچىلەرنى قوش كىشىلىك ياتاق بىلەن تەمىنلەيدۇ. پۈتۈن مۇساپە بويىچە ھەر بىر كىشىگە 8650 ئامېرىكا دوللىرىدىن 47000 ئامېرىكا دوللىرىغىچە خىراجەت كېتىدۇ. بولۇپمۇ تېرافاگ ۋە ئايال پادىشاھ ئاننې نامىدىكى بىر يۈرۈش ئۆيلەرنىڭ بېلىتى تېخىمۇ قىممەت بولۇپ، 97035 ئامېرىكا دوللىرىغا سېتىلىدۇ. بۇ سەيلە كېمىسى 1975 - يىلى 10 - يانۋاردىن 31 - مارتقىچە 80 كۈن ئىچىدە دۇنياندىكى بەس قىتئەنىڭ 23 پورتىنى ئايلىنىپ چىقتى. «ئايال پادىشاھ ئېلىزابېت - 2 » 1979 - يىلى ئۆزىنىڭ سۇغا چۈشۈرۈلگەنلىكىنىڭ ئون يىللىقىنى تەبرىكلەش مۇناسىۋىتى بىلەن دۇنيانى يەنە بىر قېتىم ئايلىنىپ چىقىش پائالىيىتى ئېلىپ باردى. يول ئۈستىدە مەملىكىتىمىزنىڭ داليەن پورتىدا ئىككى كۈن تۇردى. بۇ قېتىمقى سەيلە 60 كۈن داۋام قىلىپ، 32186 كىلومېتىر يول بېسىلدى. 21 پورت - شەھەرنى زىيارەت قىلىندى. بۇنىڭدىن ئىلگىرى دۇنيا بويىچە قەرەللىك سەيلە كېمىلىرى ئارىسىدا «ئايال پادىشاھ ئېلىزابېت» ناملىق سەيلە كېمىسى سۇ سىقىپ چىقىرىش مىقدارى ئەڭ زور كېمە ھېسابلىناتتى. ئۇ ھازىر بۇ سەيلە كېمىسىدىن 21 مېتىر ئۇزۇن ئىدى. ئۇنىڭ ھەركەتلەندۈرگۈچ كۈچى 168000 ئات كۈچىگە يېتەتتى. ئۇ سائىتىگە 28.5 دېڭىز مىلى تېزلىكتە يۈرەتتى. بۇ كېمە 1868 - يىلى 15 - سېنتەبىردە ئەڭ ئاخىرقى يۈرۈشنى ئاياغلاشتۇردى. 1970 - يىلى شاڭگاڭغا ئاپىرىپ، «دېڭىز ئۈستى داشۆسى» قىلىپ ئۆزگەرتىلدى. بەختكە قارشى 1972 - يىلى 9 - يانىۋاردا ئۇنىڭغا ئوت كېتىپ ئىچكى قۇرۇلۇشى پۈتۈنلەي كۆيۈپ كەتتى. پەقەت سىرتقى قىسمىلا ساقلىنىپ قالدى. (لى مېيجۈن)