UyghurWiki
UyghurWikiئاڭۋولفرام ئەڭ كۆپ چىقىدىغان جاي

ۋولفرام ئەڭ كۆپ چىقىدىغان جاي

دۇنيادىكى ئەڭلەر ۋولفرام ئاسان ئېرىمەيدىغان مېتال بولۇپ، سانائەتتە مۇھىم ئورۇنلارغا ئىشلىتىلىدۇ. پولات - تۇمۇر ئىشلەپچىقىرىشتا كام بولسا بولمايدىغان ماتىريال ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭ بىرىكملىرى بوياق، سىر ۋە خىمىيىۋى تەجرىبە دورىلىرى ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بېرى، ۋولفرام ئۆتكۈر پەن - تېخنىكا ساھەسىدە قوللىنىدىغان بولدى. مەسىلەن: تەركىبىدە 10 - 15 پىرسەنت كۈمۈش قوشۇلغان ۋولفرامنى راكىتنىڭ يېقىلغۇ پۈركۈگۈچ تۇرۇبىسىنى ياساشقا ئىشلىتىشكە بولىدۇ. بۇ تۇرۇبا سىلسىيە 3300 گىرادۇستىن يۇقۇرى ھارارەتكە بەرداشلىق بېرەلەيدۇ. دۇنيا بويىچە ۋولفرام زاپىسى ئەڭ زور، مەھسۇلات مىقدارى ئەڭ يۇقۇرى مەملىكەت قايسى؟ ئۇ - مەملىكتىمىز جۇڭگو. مەملىكتىمىزدە 10 - ئەسىردە ۋولفرام دۇدىسى تېپىلغان. ئۇ چاغدا ۋولفرام رۇدىسى «ئېغىر تاش» دەپ ئاتالغان. ۋولفرام رۇدىسى مەملىكتىمىزدە ناھايىتى كەڭ تارالغان. ئۇ ئوتتۇرا جەنۇب، شىمالى جۇڭگو، غەربىي شىمال ۋە غەربىي جەنۇبلاردىن چىقىدۇ. بولۇپمۇ غەربتە گۇاڭشى ئۆلكىسىدىن باشلىنىپ، خۇنەن، گۇاڭدۇڭ، جياڭشى ئۆلكىلىرى ئارقىلىق شەرقتە فۇجيەن ئۆلكىسىگە قەدەر بولغان نەنلىڭ بەلۋېغىدا ۋولفرام رۇدىلىرى ئەڭ كۆپ چىقىدۇ. جياڭشى ئۆلكىسى «ۋولفرام ماكانى » دەپ ئاتىلىدۇ. جياڭشى ئۆلكىسىنىڭ جەنۇبى ھەممىگە مەلۇم بولغان «ۋولفرام ماكانى» بولۇپ، بۇ يەردە چوڭ - كىچىك ۋولفرام كانلىرى يۈزگە يېتىدۇ. نۇرغۇن تاغلارنىڭ چوققىلىرىدا تەركىبىدە ۋولفرام بولغان كۋارتىس تىزمىلىرى ئېچىلىپ قالغان. شىخۇاشەن ، داجېشەن، كۇيمىشەن، پەنگۇشەن قاتارلىق تاغلار دۇنياغا داڭقى چىققان ۋولفرام كانلىرىدۇر. ۋولفىرام رۇدىسى يىمىرىلگەن ۋە ئېقىن سۇلاردا يالانغاندىن كېيىن قۇمدەك ئۇۋىلىپ، تاغ باغرىدىكى تۇپراققا ۋە دەريالارنىڭ قۇملىرىغا ئارىلىشىپ كېتىدۇ. شۇڭا «ۋولفرام ماكانى»نىڭ ھەممىلا يېرىدە دېگۈدەك ۋولفرام قۇملىرى ئۇچرايدۇ. يوللاردىكى توپىلاردا ۋە ئۆي سېلىشتا ئىشلىتىلگەن لايلاردىمۇ ۋولفرام رۇدىلىرى بار. تەركىبىدە ۋولفرام بولغان قۇملاردىن سانائەتتە ۋولفرامنى ئاجرىتىۋالغىلى بولىدۇ. سوتيالىستىك قۇرۇلۇش ئىشلىرىنىڭ راۋاجلىنىشى بىلەن بىللە جياڭشى ئۆلكىسىدىكى ۋولفرام چىقىدىغان جايلار جەنۇبىي جياڭشىدىن ئوتتۇرا جياڭشىغا قەدەر كېڭىيىپ بارماقتا. (جى خوڭ)
← بارلىق تېمىلار ئاڭ