UyghurWiki
UyghurWikiئاڭشىمالىي قۇتۇبقا ئەڭ ئاۋۋال بارغان كىشىلەر

شىمالىي قۇتۇبقا ئەڭ ئاۋۋال بارغان كىشىلەر

دۇنيادىكى ئەڭلەر كىشىلەر شىمالىي قۇتۇپ ئۈستىدە پاراڭلاشقاندا، ئالدى بىلەن قار - مۇز قاپلىغان يەرلەرنى، ئېقىپ يۈرگەن دېڭىز مۇزلىرى ۋە زور مۇز تاغلارنى ئەسكە ئېلىشىدۇ. ئەمىلىيەتتە بولسا، ئۇ يەر چوڭ قۇرۇقلۇق ئوراپ تۇرغان شىمالىي مۇز ئوكياندىن ئىبارەت. ھازىر شىمالىي قۇتۇپ رايونىدا كۆپىلىگەن ئىلمىي تەكشۈرۈش پوتكىتلىرى قۇرغان. تەكشۈرۈپ ئىسپاتلىنىشىچە، ئىنسانلار بۇنىڭدىن ئىككى مىڭ يىللار ئىلگىرىلا شىمالىي قۇتۇپ رايونىغا بېرىپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان. ئەڭ بۇرۇنقى خاتىرە يۇنانلىق بىدانياسقا بېرىپ تاقىلىدۇ. ئۇ باتۇرلۇق بىلەن كېمىدە يۈرۈپ بۈگۈنكى ئىسلاندىيە ۋە نورۋىرگىيىنىڭ شىمالىي دېڭىزغا بارغان. شۇنىڭدىن كېيىن ئىسكاندىناۋىيىلىك ئوتار مىلادى 870 - يىلى نوركىدىن تۇمشۇقىدىن شەرققە قاراپ مېڭىپ بارېنتىس دېڭىزىغا كىرىدۇ. ئاندىن كولا يېرىم ئارىلىنى بويلاپ يۈرۈپ ئاق دېڭىزنى تاپىدۇ. مانا بۇ يازما خاتىرىسى بولغان شىمالىي مۇز ئوكيانغا ئەڭ بۇرۇن ئىچكىرىلەپ كىرگەن ئىكىسپېدىتسىيىچىلەرنى باشلاپ بارغان. بۇ 19 - ئەسىردە شىمالي قۇتۇپ رايونىغا ئەڭ ئىچكىرىلەپ كىرىش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئامېرىكا ئېكىسپېدىتسىيىچىسى كوك (1865 - 1940 - يىللار) 1908 - يىلى 21 -مارتتا ئىككى ئېسكىمۇسىنىڭ ھەمرالىقىدا ئىككى چانا، 26 ئىت بىلەن كانادانىڭ سىۋاتوۋگا دېگەن يېرىدىن شىمالغا قاراپ مېڭىپ، 21 - ئاپرېلدا شىمالىي قۇتۇپقا يېتىپ بارغانلىقىنى جاكارلىدى. ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ گېنىرال مايورى پىرروي (1865 - 1920 - يىللار) 1909 - يىلى 2 - ئاپرېل ئەتىگەن سائەت بەشتە ياردەمچىسى ھانسېن ۋە تۆت نەپەر ئېسكىموسنىڭ ھەمراھلىقىدا شىمالىي كەڭلىكتىن شىمالغا قاراپ يولغا چىقىپ، 280 كىلومېتىردىن ئارتۇق يول يۈرۈپ مۇز دېڭىزىدا چېدىر تىكىپ تۇرۇپ، 7 - ئاپرېل چۈشتىن كېيىن قايتىپ كەلگەنلىكىنى جاكارلىغان. لېكىن ئەڭ بۇرۇن مۇز دېڭىزدىن شىمالىي قۇتۇپقا بارغان كىشى ئامېرىكىلىق پرايد ۋە ئۇنىڭ ئۈچ خىزمەتدېشى ئىكەنلىكىنى پۈتۈن دۇنيا ئېتىراپ قىلىدۇ. ئۇلار 1968 - يىلى 19 - ئاپرېل چۈشتىن كېيىن سائەت ئۈچتە بۇ ئۇلۇغ ئىشنى تاماملىدى ھەمدە ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ بىر ھاۋارايى ئايروپىلانى بۇنى 18 سائەتتىن كېيىن ئىسپاتلىدى. (بى دۇڭخەي)
← بارلىق تېمىلار ئاڭ