UyghurWiki
UyghurWikiئاڭئەڭ كۆپ ئىسسىقلىق سەرپ قىلىدىغان ئادەم

ئەڭ كۆپ ئىسسىقلىق سەرپ قىلىدىغان ئادەم

دۇنيادىكى ئەڭلەر ئادەتتىكى ئادەمنىڭ قاتتىق ۋە سۇيۇق يېمەكلىكلەرنى ئىستىمال قىلىش مىقدارى بىلەن كېسەل ئادەمنىڭ يېمەكلىكنى قوبۇل قىلىش مىقدارىنى سېلىشتۇرغىلى بولمايدۇ. ئوپقان كېسىلىگە گىرىپتار بولغان ئادەم جىق نەرسە يېگۈسى كېلىدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى كېسەللىكنىڭ ئالامىتى. بۇنداق غەلىتە كېسەلگە گىرىپتار بولغان ئادەملەر ناھايىتى ئاز ئۇچرايدۇ. ئوپقان كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بەزى ئادەملەر بىر سوتكىدىكى 24 سائەت ۋاقىتنىڭ 15 سائىتىدە بىر نەرسە يەپلا تۇرىدۇ. ماتتىۋ. داكىن ئىسىملىك 12 ياشلىق بىر ئوغۇل بالىنىڭ مورتىمېر كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلارغا ئوخشاش نامى چىققان. بۇ بالا 1743 - يىلى 6 كۈن ئىچىدە 174 كىلو 235 گرام غىزا يىگەن. بەزى ئۆتكۈر ئۇسسۇزلۇق كېسىلىگە گىرىپتار بولغان كىشى كۈنىگە 45.5 لېتىر ئۇسسۇزلۇق ئىچكەندىلا ئۇسسۇزلۇقنى قاندۇرالايدۇ. لندېرسبورگدا شىۋېتسىيىلىك ھېلىگا ئاندېرسون ئىسىملىك ئايال (1908 - يىلى تۇغۇلغان) 1922 - يىلدىن 1971 - يىلىغىچە كۈنىگە 22 لېتىردىن جەمئىي 398 مىڭ 225 لېتىر سۇ ئىچكەن. <بوزۇ> ژۇرنىلىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكىنىڭ كالىفورنىيە شتاتى ئوكلېند شەھرىدىكى ئىدۋارد مىللېر، دۇنيا بويىچە ئەڭ ئىشتىھالىق ئادەم بولۇپ، كۈنىگە 25 مىڭ كالورىيىلىك يېمەكلىك ئىستىمال قىلىدىكەن. بۇ، دوختۇرنىڭ بەلگىلىمىسىدىن 11 ھەسسە ئارتۇق. ئۇنىڭ ئېگىزلىكى 1.71 مېتىر، بەدەن ئېغىرلىقى 133 كىلوگرام، بەل ئايلانمىسى 1.44 مېتىر كېلىدىكەن. ئۇ 1931 - يىلدىن بۇيان تاماق يېيىش مۇسابىقىلىرىنىڭ ھەممىسىدە غەلىبە قازىنىپ كەلگەن. كىشىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، رېيىن دەرياسىدىكى كېمىچىلەر ناھايىتى ئىشتىھالىق بولۇپ، كۈنىگە 5200 كالورىيىلىك يېمەكلىك ئىستىمال قىلارمىش. مېدىتسىنا ئىلمىي نۇقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، كىشىلەرنى بولۇپمۇ ياشلارنى تاماق يېيىشتە مۇسابىقىلەشمەسلىككە دەۋەت قىلىش كېرەك.
← بارلىق تېمىلار ئاڭ