بۇلاپ كېتىلگەن ئايروپىلاننى ئەڭ كۆپ پۇل تۆلەپ ياندۇرۇۋېلىش
دۇنيادىكى ئەڭلەر
غەربىي گېرمانىيە خەنسا ئاۋىئاتسىيە شىركىتىنىڭ بىر دانە بوئىن 747 پاسساژىرلار ئايروپىلانى نيو - يورك بىلەن ئافېنا ئارىلىقىدا بۇلاپ كېتىلىپ ئادىنغا مەجبۇرىي قوندۇرۇلغان غەربىي گېرمانىيە ھۆكۈمىتى 1972 - يىلى 2 - ئاينىڭ 23 - كۈنى لىۋاننىڭ بىيروت شەھىرىدە پەلەستىن خەلق ئازادلىق فرونتىغا 5 مىليون ئامېرىكا دوللىرى بېرىپ، ئايروپىلاننى ھەم 14 نەپەر ئايروپىلان خادىمىنى ياندۇرۇۋالغان. بۇ پۇل بوئىن ئايروپىلانى باھاسىنىڭ 5/1 گە باراۋەر كېلىدۇ.