UyghurWiki
UyghurWikiئاڭئەڭ ئۇزۇن قانات

ئەڭ ئۇزۇن قانات

دۇنيادىكى ئەڭلەر بۇۋا قۇش قۇشلارنىڭ بۇۋىسى بولۇپ، بۇنىڭدىن تەخمىنەن 135 مىليون يىللار ئىلگىرى مىزوزوي ئېراسىنىڭ ئاخىرى يۇرا دەۋرى (يۇرا دەۋرى بۇنىڭدىن 185 مىليون يىللار ئىلگىرى باشلانغان ۋە 135 مىليون يىللار ئىلگىرى ئاخىرلاشقان بولۇپ، دەسلەپكى، ئوتتۇرا ۋە ئاخىرقى دەۋر دەپ ئۈچكە بۆلۈنىدۇ) ياشىغان. ئۇنداق بولسا، ئۇنىڭدىن بۇرۇن ئاسماندا ئۇچىدىغان جانلىقلار يۇقمىدى؟ تاشقا ئايلانغان كۆپلىگەن قالدۇقلاردىن قارىغاند، بار ئىدى دەپ مۇئەييەنلەشتۈرگىلى بولىدۇ. ئۇ بولسىمۇ ئۇچار ئەجدىھالار ئىدى. پالېئونتولۇگىيە ئالىملىرى ئۇچار ئەجدىھالارنى ئاسمانغا يۈرۈش قىلغان ئۇمۇرتقىلىق ھايۋانلارنىڭ ئاۋانگارتى دەپ قارايدۇ. ئۇچار ئەجدىھالار ئەڭ بۇرۇن يۇرا دەۋرىدە پەيدا بولغان. ئۇلارنىڭ بەدىنىدە پەي يوق. ئىككى قانىتى شەپەرەڭنىڭ قانىتىغاا ئوخشاش بىر قەۋەت تېرە پەردىدىن تۈزۈلگەن بولۇپ، لەيلەپ ئۇچىدۇ. ئوخشاش بولمىغان ئۇچار قۇشلار ئەجدىھالارنىڭ چوڭ - كىچىكلىكى ئوخشاش ئەمەس، ئۇلارنىڭ كىچىكلىرى قۇشقاچچىلىك كېلىدۇ. چوڭلىرى قانىتىنى كەرسە ئۇزۇنلۇقى بىر قانچە مېتىردىن ئون نەچچە مېتىرغا يېتىدۇ. ئۇچار ئەجدىھالار دەۋرى بىر مەزگىل داۋام قىلغان. بۇۋا قۇش پەيدا بولغاندىن كېيىنكى دەسلەپكى بور دەۋرىدە (بور دەۋرى بۇنىڭدىن 134 مىليون يىللار ئىلگىرى باشلىنىپ، 65 مىليون يىللار ئىلگىرى ئاياغلاشقان. بۇ دەۋرى دەسلەپكى، ئوتتۇرا، ئاخىرقى دەپ ئۈچ تۈرگە بۆلىنىدۇ) بىر خىل قاناتلىق ئەجدىھا بولۇپ، مەملىكىتىمىزنىڭ شىنجاڭ رايونلىرىدا ئۇچۇپ يۈرگەن. ئۇنىڭدىن كېيىنكى ئاخىرقى بور دەۋرىدە بىر خىل قاناتلىق ئەجدىھا بولۇپ ، ھازىرقى ئامېرىكىنىڭ تېكساس شىتاتىدا ياشىغان. تېكساس شىتاتىنىڭ چوڭ قۇلتۇق باغچىسىدا ئاخىرقى بور دەۋرنىڭ يەر قاتلىمىدىن قاناتلىق ئەجدىھانىڭ تاشقا ئايلانغان قالدۇقى تېپىلغان. ئۇنىڭ ئىككى قانىتى كېرىلگەندە ئۇزۇنلۇقى 15.5 مېتىرغا يەتكەن. بۇ ئىككى قاناتنىڭ ئۇزۇنلۇقى ھازىرقى زاماندىكى نۇرغۇنلىغان ئايروپىلانلارنىڭ ئىككى قانىتىنىڭ ئۇزۇنلۇقىدىن ئېشىپ كېتىدۇ. دۇنيا بويىچە بۈگۈنگە قەدەر مەلۇم بولغان ئۇچار قاناتلار ئارىسىدا ئۇنىڭدىنمۇ ئۇزۇن قاناتلىق ئۇچار قانات يوق. ئالىملارنىڭ مۆلچەرلىشىچە، بۇ خىل قاناتلىق ئەجدىھانىڭ قانىتىنىڭ ئۇزۇنلۇقى ئۇنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە ئەگىشىپ نىسبەتلىك ھالدا ئۆسكەن. بۇنىڭدىن يۇقىرىدىكى ئىككى قاناتنىڭ ئۇزۇنلۇقىنى يەنىلا «ئەڭ » ئۇزۇن قانات دېگىلى بولمايدۇ. تەتقىقاتلارغا قارىغاندا، تېساس قاناتلىق ئەجدىھاسىنىڭ بوينى ئۇزۇن ۋە ئىنچىكە بولۇپ، ئاغزىدا چىش بولماستىن، ئۇنىڭ قۇشلارنىڭكىدەك سۆڭەكسىمان تۇمشۇقى بار. بۇنىڭغا قارىغاندا، ئۇ سېسىپ قالغان گۆشلەرنى يېسە كېرەك. (جى خۇڭ)
← بارلىق تېمىلار ئاڭ