UyghurWiki
UyghurWikiئاڭئەڭ تەپىسىلىي خاتىرىلىۋېلىنغان يانار تاغ پارتلىشى

ئەڭ تەپىسىلىي خاتىرىلىۋېلىنغان يانار تاغ پارتلىشى

دۇنيادىكى ئەڭلەر كارىب دېڭىزدىكى سېنت - ۋىنسېنت ئارىلىغا جايلاشقان لاسۇفۇليېر يانار تېغى 1979 - يىلى 13 - ئاپرېل ئەتىگەن سائەت بەشتە پارتلىدى! پارتلاشتىن بەش سائەت ئىلگىرى ئۇنىڭدىن يەرلىك ھۆكۈمەت خەۋەر تاپىدۇ؛ 14 - ئاپرېلدا يەرلىك ئۇرۇنلار ۋە ئامېرىكا ئالىملىرى بىر خىزمەت ئەترىتى تەشكىل قىلىپ، يانار تاغنى پۇختا كۆزىتىشكە باشلايدۇ. 17 - ئاپرېلدا يانار تاغ شىددەتلىك پارتلايدۇ. پارتلاش ئەھۋالى سۈنئىي ھەمراھ، ئايرۇپىلان، كېمە ۋە يەردە تۇرۇپ سۈرەتكە ئېلىنىدۇ، يېزىۋېلىنىدۇ ۋە تەھلىل قىلىنىدۇ. بۇنىڭ بىلەن يەر تەۋرەشكە دائىر ماتىرياللار، يەردە ھاۋادا كۈزىتىلگەن ماتىرياللار تولۇق ھاسىل قىلىنىدۇ. يانار تاغنىڭ پارتلىشى مۇنداق تەپسىلىي، مۇكەممەل خاتىرلىنىپ ئېلىش تارىختا ئاز ئۇچرايدۇ. خەۋەرلەرگە قارىغاندا بۇ يانار تاغدا يېڭى ئەھۋالنىڭ يۈز بېرىدىغانلىقىنى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار بىر قاتار ئالامەتلەرگە قاراپ 1971 - يىلى 12 - ئاپرېل سائەت 20 دە بۇ قېتىمقى پارتلاشنىڭ ئالدىنقى ئالامىتى كۆرۈندى. بۇ قېتىمقى پارتلاشنىڭ پۈتۈن جەريانىنى ئامېرىكا دۆلەتلىك دېڭىز - ئوكيان ئاتموسفېراسىنى تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ يەرشارى بىلەن ماس قەدەملىك ھاۋا رايى سۈنئىي ھەمراسى SMSI نىڭ ھاۋادىكى ئېفېرا قىزىل نۇر قۇرۇلمىسى تولۇق خاتىرلىۋالدى. يانار تاغنىڭ پارتلانغانلىقىدىن 17 - ئاپرېلدىكى قاتتىق پارتلاشنى بۇلۇت ئۆلچىگۈچى قوزغىتىلغان نۇر رادارلىق ئايرۇپىلان ئەڭ كونكىرت ۋە جانلىق كۆزەتتى. ئالىملار 17 - ئاپرېلدىكى قاتتىق پارتلاشنى « ئاتۇم بۇمبىسىنىڭ پارتلىشىغا ئوخشايدۇ » دېيىشكەن. لاسۇفۇلىيېر يانار تېغى22- ۋە 25 - ئاپرېل كۈنلىرى ئىككى قېتىم ئازراق پارتلىغاندىن كېيىن پەسكارىغا چۈشۈشكە باشلىدى. ئالىملار ئۆزلىرى توپلىغان تاغ جىنىسلىرى ۋە كۈل ئەۋرىشكىلىرىنى تەھلىل ۋە تەتقىق قىلىپ، ئۇلارنى مۇناسىۋەتلىك ماتىرياللارغا بىرلەشتۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، لاسۇفۇلىيېرغا ئوخشىغان يانار تاغلارنىڭ ھەركىتىنى چۈشەندۈرىدۇ. ( جى خوڭ)
← بارلىق تېمىلار ئاڭ