ئەڭ چوڭ قۇياش ئېنىرگىيسى ئېلېكتر ئىستانىسسى
دۇنيادىكى ئەڭلەر
ئامېرىكا كالېفورنىيە شىتاتىدىكى سانتىياگو شەھىرىنىڭ شەرقىغە جايلاشقان راگۇنا تېغىغا قۇياش ئېنىرگىيىسى ئېلېكتر ئىستانىسسى قۇردى. بۇ ئېلېكتر ئىستانىسسى 97000 كرېمنىيلىق قۇياش ئېنىرگىيىسى باتارىيە گۇرۇپپىسىدىن قۇراشتۇرۇلغان بولۇپ، 1980 - يىلىنىڭ بېشىدا رەسمىي ئىشقا كىرىشتى. ئۇنىڭ قۇۋۋىتى 60 كلوۋاتقا يېتىدۇ، بۇ ئىستانىسسا ھازىر دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ قۇياش ئېنىرگىيسى ئېلېكتر ئىستانىسسى بولۇپ قالدى. ئۇ ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكى بىلەن ئېنېرگىيە مەنبەسى مىنىستىرلىكىنىڭ بىرلىشىپ قۇياش ئېنىرگىيسىنى ئېچىش پىلانىنىڭ بىر قىسمى بولۇپ، ئۇنىڭغا جەمئىي بىر مىليون 700 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى مەبلەغ سېلىنغان.