ئەڭ شەرقتىكى شەھەر
دۇنيادىكى ئەڭلەر
بىپايان جەنۇبىي تىنچ ئوكيان ۋىتى - لېۋۇنى ئاساسىي گەۋدە قىلغان، 800 دىن ئارتۇق ئارالدىن تەركىب تاپقان فىجى دېگەن ئارال دۆلىتى بار. فىجىنىڭ پەيتەختى سۇۋا شۇ ئارالنىڭ شەرقىي جەنۇبىي قىرغىقىغا جايلاشقان بولۇپ، دۇنيا بويىچە ئەڭ شەرقتىكى شەھەر سانىلىدۇ.
1884 - يىلى خەلقئارا مېردىئان يىغىنىدا ئەنگلىيىنىڭ لوندون شەھىرىدىكى گىرىنۋىچ رەسەتخانىسىنى كېسىپ ئۆتىدىغان مېردىئان سىزىقى باش مېردىئان سىزىقى قىلىپ بەلگىلەنگەن، يەر شارىنىڭ مېردىئان سىزىقلىرى مۇشۇ يەرنى نۆل نوقتا قىلىدۇ، باش مېردىئاننىڭ شەرقىي مېردىئان دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ جايلارغا شەرق دەپ ئۇقۇم بېرىلگەن؛ غەرب تەرىپى غەربىي مېردىئان دەپ ئاتىلىدۇ، بۇ جايلارغا غەرب دەپ ئۇقۇم بېرىلگەن. شەرقىي 180 گرادۇس بىلەن غەربىي 180 گرادۇس ئۈستمۇ - ئۈست چۈشىدۇ. بۇمۇ يەر شارىدا شەرق بىلەن غەربنىڭ چېگرا سىزىقى بولىدۇ. سۇۋا شەرقىي مېردىئان 178 گرادۇس قا جايلاشقان بولۇپ، يەر شارىدا بىر كۈن ئىچىدە شەرقتىن كۆتۈرۈلگەن قۇياش نۇرى ئەڭ بۇرۇن چۈشىدىغان شەھەر ھېسابلىنىدۇ.
سۇۋا شەھىرى خەلقئارا چىسلا ئالماشتۇرۇش سىزىقىغا يېقىن بولغانلىقتىن، كىشىلەر سۇۋادىن ئايروپىلاندا ئۇچقاندا، ھەدېگەندىلا چىسلا ئالماشتۇرىدۇ، ئەگەر شەرققە داۋاملىق ئۇچىدىغان بولسىڭىز، ئۇ ھالدا، ۋاقىتنى 24 سائەت كەينىگە سۈرىسىز، ئۇنداق قىلمىسىڭىز چىسلادا خاتالىشىپ قالىسىز.