ئالەم بوشلۇغىدىكى ئەڭ قاتتىق پارتلاش
دۇنيادىكى ئەڭلەر
ئاتوم بومبىسى،ۋودورود بومبىسى پارتلىغاندا ئىنتايىن زور ئېنىرگىيە چىقىرىدۇ. بۇ ھەممىگە ئايان ، ئەمما قۇياشتىن ھەر سېكونتتا چېچىلىدىغان ئېنىرگىيە، سانلىق مەلۇماتلارغا قارىغاندا، تەخمىنەن 3.826 كۆپەيتىلگەن 10نى ئوتتۇز ئۈچىنچى دەرىجىسى ئېرگ بولۇپ، بۇ «تىك» قىلغان بىر ئاۋاز چىققانچىلىق ۋاقىت ئىچىدە يۈز بېرىدۇ. قۇياشتا 91 مىليارد ۋودورود بومبىسى پارتلىغان. قۇياشنىڭ پەيدا بولغىنىغا نەچچە مىليارد يىل بولدى. بۇنداق پارتلاشلار يەنە نەچچە مىليارد يىل داۋام قىلىدۇ. بىراق سامان يولى سېستىمىسىدا قۇياشنىڭ بۇ ئېبىرگىيىسى ئىنتايىن كىچىك ھېسابلىنىدۇ. بىر خىل ئۇلتىرا يېڭى يۇلتۇز باركى، ئۇنىڭ كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە بولغان ئارلىقتا چىقىرىدىغان ئېنىرگىيىسى 10 نىڭ ئون سەككىزىنچى دەرىجىسى ۋودورود بومبىسىنىڭ پارتلىشى بىلەن باراۋەر بولۇپ، قۇياش ئېنىرگىيىسىنىڭ نەچچە ئون مىليون ھەسسىسىگە توغرا كېلىدۇ. بۇ كىشىنى تېخىمۇ ھەيران قالدۇرىدۇ.
ئالەم بوشلۇقىدا سامان يولى سېستىمىسىغا ئوخشايدىغان يۇلتۇزلار سېتىمىسىدىن مىليونلاپ بار. يۇلتۇزلار سېستىمىسىنىڭ پارتلىشى ئالەم بوشلۇقىدا ئەڭ زور كۆلەملىك پارتلاش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئامېرىكا گېزىتلىرىنىڭ يېقىندىكى خەۋەرلىرىگەقارىغاندا، ئالىملار يېقىندا سۈنئىي ھەمراھدا ئاپتۇماتىك خاتىرلىنىۋېلىنغان ماتىرياللاردىن، ئالەم بوشلۇقىدا بىر يۇلتۇزلار سېتىمىسىدا بىر قېتىم زور پارتلاش بولغانلىقىنى، بۇ پارتلاش ئوندە بىر سېكۇنت داۋام قىلغان بولىسىمۇ ، لېكىن ئۇنىڭدىن چىققان ئىنىرگىيىنىڭ قۇياشتىن ئۈچ مىڭ يىل چىققان ئېنىرگىيە بىلەن باراۋەر كېلىدىغانلىقىنى بايقىغان. بۇ خاتىرلەپ كېلىۋاتقان پارتلاشلار ئىچىدە ئەڭ كۈچلۈك پارتلاش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئالىملار بۇ قېتىمقى پارتلاشتىن خاتىرىلىۋېلىنغان ماتىرياللارنى كۆرۈپ ھاڭ - تاڭ قالغان. ئالىملارنىڭ قارىشىچە، بۇ قېتىمقى پارتلاشتىن چىققان ئېنىرگىيە نىسپىتىدىن 100 مىليارد ھەسسە چوڭ، ئەگەر مۇشۇنداق پارتلاش سامان يولى سېستىمىسى ئەتراپىدا يۈز بېرىدىغان بولسا، يەر شارىنى ئوراپ تۇرىدىغان ئاتموسفىرا قاتلىمى چوغقا ئايلانغان بولاتتى. ئەگەر قۇياشمۇ بۇ قېتىمقى پارتلاشتىكىدەك ئېنىرگىيە چىقىرىدىغان بولسا، يەرشارى شۇ زامان گازغا ئايلانغان بولاتتى. بۇنىڭدىن يۇلتۇزلار سېستىمىسىنىڭ زادى قەيەردىن كەلگەن؟ . . . دېگەن سوئال كېلىپ چىقىدۇ. بڭ سوئال كىشىلەرنى بۇ ھەقتە ئىزلىنىشكە ئۈندىمەكتە. (تەن شاڭبەي، شۈي جيا)