ئەڭ ئۇزۇن داۋام قىلغان ئۇرۇش
دۇنيادىكى ئەڭلەر
تارىختا ئەڭ ئۇزۇن داۋام قىلغان ئۇرۇش ئەنگلىيە بىلەن فرانسىيە ئوتتۇرىسىدىكى 100 يىللىق چوڭ ئۇرۇش بولۇپ، (1338 - 1453)، ئەمەلىيەتتە 115 يىل داۋام قىلغان.
شۇنى كۆرسىتىپ ئۆتۈش كېرەككى، كىرېست ئارمىيىسى بىرىنچى قېتىم شەرققە يۈرۈش قىلغاندىن باشلاپ، (1096 - 1104) كىرېسىت ئارمىيىسى 9 - قېتىم شەرققە يۈرۈش قىلغاندىكى (1270 - 1291) مۇقەددەس ئۇرۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالغاندا ئىلگىر - ئاخىر بولۇپ 195 يىلغا سوزۇلغان.
ھېسابلاشلار ئىسپاتلايدۇكى، مىلادىدىن بۇرۇنقى 1496 - يىلدىن مىلادى 347 - يىلغىچە بولغان ئارىلىقتا مەدەنىي دۇنيادا پەقەت 230 يىل تېنچ تۇرمۇش بولغان.