ئەڭ دەسلەپكى دۆلەتلىك تېببىي شۆيۈەن
دۇنيادىكى ئەڭلەر
تېبابەتچىلىك تارىخىدا، ھۆججەتلەرگە قارىغاندا، دۆلەت تەرىپىدىن قۇرۇلغان ئەڭ دەسلەپكى تېببىي شۆيۈەن مىلادى 6 - ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا سۈي سۇلالىسى دەۋرىدە قۇرۇلغان «ئالىي بىلىم يۇرتى » ھېسابلىنىدۇ.
«كونا تاڭ يىلنامىسى » دا خاتىرلىنىشىچە، سۈي سۇلالىسى دەۋرىدە قۇرۇلغان «ئالىي بىلىم يۇرتى» ئەينى زاماندا ئەڭ يۇقۇرى تېببىي تەربىيە ئورگىنى بولغان. شۇنىڭ بىلەن بىللە يەنە مەلۇم دەرىجىدە داۋالاش پىرىنسىپلىرىمۇ ئۈستىگە ئالغان. ئۇنىڭغا تىبابەتچىلىك - دورىگەرلىكتىن دەرس ئۆتىدىغان خادىملار، تېببىي ۋە مەمۇرىي خادىملار قويۇلغان.
مىلادى 618 - يىلى، تاڭ خاندانلىقى سۈي خاندانلىقىنىڭ ئورنىنى ئالدى. مىلادى 624 - يىلى تاڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتىمۇ «ئالىي بىلىم يۇرتى » قۇردى. لېكىن بۇنىڭ كۆلىمى سۈي سۇلالىسىنىڭكىدىن چوڭ بولۇپ، ئۇنىڭدا بۆلۈملەر ئىنچىكىرەك بۆلۈنگەن. ئوقۇتۇش تۈزۈمى تېخىمۇ ئېنىق بەلگىلەنگەن. «كونا تاڭ يىلنامىسى » ۋە تاڭ سۇلالىسىنى ئالتە قانۇنى دېگەن كىتابلاردا خاتىرلىنىشىچە، تاڭ دەۋرىدىكى «ئالىي تېببىي بىلىم يۇرتى » تىبابەتچىلىك ۋە دورىگەرلىكتىن ئىبارەت ئىككى چوڭ قىسىمنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. تىبابەتچىلىك قىسمىدا تىبابەتچىلىك، يىڭنە بىلەن داۋالاش، ئۇۋىلاش ۋە ئەپسۇن بۆلۈملىرى (كېيىنكىسى بۇددا ۋە داۋجياۋ دىنلىرىنىڭ تەسىرى بىلەن شەكىللەنگەن) قۇرۇلغان. بۇ تۆت بۆلۈمنىڭ ھەممىسىدە ئۆلىمالار بولۇپ، ئاساسلىقى ئوقۇغۇچىلارغا دەرس ئۆتۈشنى ئۈستىگە ئالغان.
ئۆلىمالارنىڭ قول ئاستىدا ھەرقايسى بۆلۈمدە ئوقۇتۇش خادىملىرى بولغان. بۇلارنىڭ ھەرقايسى بۆلۈملەر بويىچە سانى ئوخشاش ئەمەس، تېببىي بۆلۈمدە ياردەمچى ئوقۇتقۇچى، دوختۇر ۋە تېببىي خادىم بولىدۇ. يىڭنە بىلەن داۋالاش بۆلۈمىدە بولسا، ياردەمچى ئوقۇتقۇچى، يىڭنە بىلان داۋالاش ئۇستىسى ۋە يىڭنە بىلەن داۋالاش خادىمى بولىدۇ. ئۇۋىلاش بۆلۈمىدە ياردەمچى ئوقۇتقۇچى بولمايدۇ. ئۇۋىلاش ئۇستىسى ۋە ئۇۋىلاش خادىمى بولىدۇ.
تاڭ دەۋرىدىكى ئالىي بىلىم يۇرتىدا تېببىي بۆلۈم ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئوقۇش مۇددىتى كەسىپلىرىگە قاراپ ئوخشاش بولمايدۇ. داۋالاش (ئىچكى كېسەللىكلەرگە توغرا كېلىدۇ. ) بۆلۈمىدە ئوقۇش يەتتە يىل بولىدۇ. جاراھەت ۋە ئىششىق (تاشقى كېسەللىكلەرگە توغرا كېلىدۇ) بۆلۈمىدە ئوقۇش مۇددىتى بەش يىل بولىدۇ. بالىلار كېسەللىكلىرى بۆلۈمىدە ئوقۇش مۇددىتى بەش يىل بولىدۇ. قۇلاق، كۆز، ئېغىز، چىش كېسەللىكلىرى بۆلۈمىدە ئوقۇش مۇددىتى تۆت يىل بولىدۇ. لوڭقا قويۇش قاتارلىقلارنى ئۆگىنىش مۇددىتى ئۈچ يىل بولىدۇ. ئوقۇغۇچىلار مەكتەپكە كىرگەندىن كېيىن ، ئالدى بىلەن (جۇڭيى دورىگەرلىكى ) «يىڭنە بىلەن داۋالاش ئا. ب. دەستۇرى» ۋە «تومۇر تۇتۇش دەستۇرى» قاتارلىقلارنى ئۆگىتىدۇ. ئاندىن كېيىن مۇناسىۋەتلىك كەسپىي بىلىم ۋە تېخنىكىنى ئۆگىتىدۇ.
ئۇقۇغۇچىلاردىن ئۆگىنىش جەريانىدا ئايلىق، پەسىللىك، يىللىق ئىمتىھانلار ئېلىنىدۇ. ئايلىق ئىمتىھاننى ئۆلىما ئۆزى ئالىدۇ. پەسىللىك ئىمتىھاننى بىر قەدەر يۇقىرى دەرىجىلىك دوختۇر ئالىدۇ. يىللىق ئىمتىھاننى دۆلەتنىڭ يۇقۇرى دەرىجىلىك دوختۇر ئەمەلدارى ئالىدۇ. ئوقۇغۇچىلار نەتىجىسىگە باھا بېرىشتە يېزىق ئىمتىھاننىڭ نەتىجىسىگە قاراشتىن تاشقىرى، يەنە ئۇلارنىڭ كېسەل داۋالاشتىكى نەتىجىسىگە قاراپ باھا بېرىلىدۇ. ئوقۇش پۈتتۈرۈش ئىمتىھانىدا ئەلا نەتىجە ئالغانلار مۇھىم ئورۇنلارغا تاللاپ قويۇلىدۇ.
تاڭ دەۋرىدە ئالىي تېببىي بىلىم يۇرتىنىڭ دورىگەرلىك قىسىمىدا ئالاھىدە دورىگەرلىك ئورنى قورۇلغان بولۇپ، كۆلىمى ئۈچ چىڭ كېلىدۇ. دورىگەرلىك قىسىمىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى دورىگەرلىك ئوقۇغۇچىلار دەپ ئاتىلىدۇ. بۇنىڭغا خەلق ئارىسىدىن 16ياشتىن 20 ياشقىچە بولغان ياشلار قوبۇل قىلىنىدۇ. دورىگەرلىك ئوقۇغۇچىلىرى ئاساسلىقى جۇڭيى دورىلىنىرىنىڭ تۈرلىرى، ئۇلارنى ئۆستۈرۈش، يىغىش، ئىشلەش، ساقلاش، ئارىلاشتۇرۇش، تەڭشەش، پەرھىز تۇتۇش قاتارلىق بىلىملەرنى ئۆگىنىدۇ.
دورىگەرلىك ئوقۇغۇچىلىرى ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن دورىگەر بولىدۇ. ئۇلارنىڭ ۋەزىپىسى ئاساسلىقى يېڭى پېتى ئىشلىتىكە تىگىشلىك دورا ئۆسۈملۈكلىرىنى ۋاقتىدا ئۆستۈرۈپ، داۋالاشتا ئىشلىتىش ئۈچۈن تەييارلاپ قويۇشتىن ئىبارەت.
ئالىي تېببىي بىلىم يۇرتىنى ھۆكۈمرانلار سىنىپى ئۆزلىرىنىڭ داۋالىنىش ئېھتىياجى ئۈچۈن قۇرغان بولسىمۇ، لېكىن تاڭ دەۋرىدىكى ئالي بىلىم يۇرتىنىڭ بۆلۈملەرگە بۆلۈنۈشى، ئوقۇتۇش خادىملىرىنىڭ ئۇرۇنلاشتۇرۇشى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ياش چەكلىمىسى ۋە ئىمتىھان تۈزۈمى قاتارلىق جەھەتلەردىن قارىغاندا ئۇنىڭ كۆلىمى ھەقىقەتەنمۇ مىسلى كۆرۈلمىگەن دەپ قاراشقا بولىدۇ. (فۇۋېيكاڭ)