UyghurWiki
UyghurWikiئاڭئەڭ كۆپ قېتىم توي قىلغان ئەر - خوتۇنلار

ئەڭ كۆپ قېتىم توي قىلغان ئەر - خوتۇنلار

دۇنيادىكى ئەڭلەر ئامېرىكا ئىللىنويىس شتاتىدىكى جامۇس بىلەن مارى. گىرىئې نىكاھتىن ئاجرىشىش تۈزۈمىگە قارشىلىق بىلدۈرۈش يۈزىسىدىن 1964 - يىلدىن 1969 - يىلىغىچە ئامېرىكىنىڭ 25 شتاتىدا 27 قېتىم توي مۇراسىمى ئۆتكۈزگەن. 1968 - يىلى 12 - ئاينىڭ 16 - كۈنى بىر كۈن ئىچىدىلا 3 قېتىم، قىسقىغىنە بىر سائەت ئىچىدە 2 قېتىم توي مۇراسىمى ئۆتكۈزگەن ھەمدە تېلېۋىزىيە ئاپپاراتى ئالدىدىمۇ ئىككى قېتىم توي مۇراسىمى ئۆتكۈزگەن. فرانسىيىلىك ئىككى ياش - بىرىگىتتى. دېسانت پرىكىس بىلەن تاككوف. منوسالار 1971 - يىلى لافخونت نەشرىياتىدا <يىراقتىكى يېڭى كىشىلەر> دېگەن كىتابنى نەشىر قىلدۇرغان. بۇ كىتابتا ئۆزلىرى ئايرىلغان ھەر قانداق دۆلەتتە قانداق توي مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنى بايان قىلغان. ئۇلار جەمئىي 17 قېتىم توي مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ، ئاخىرى فرانسىيىگە يېنىپ كەلگەندىن كېيىن ئاجرىشىپ كەتكەن.
← بارلىق تېمىلار ئاڭ
ئەڭ كۆپ قېتىم توي قىلغان ئەر - خوتۇنلار | UyghurWiki | UyghurWiki