ئېلېكتر قۇۋۋىتى بويىچە ئەڭ
دۇنيادىكى ئەڭلەر
ھازىر دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ ئوت كۈچى ئېلېكتر ئىستانسسىسى ياپونىيىنىڭ كاشىما ئېلېكتر ئىستانسسىسى بولۇپ، ئۇنىڭ ئومۇمىي قۇۋۋىتى 4 مىليون 200 مىڭ كىلوۋاتقا يېتىدۇ، ئۇنىڭدا 600 مىڭ كىلوۋاتلىق گېنېراتوردىن تۆتى ۋە بىر مىليون كىلوۋاتلىق گېنېراتوردىن ئىككىسى بار.
دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ ھور تۇربىنىلىق گېنېراتور ئامېرىكا گاۋىن ئېلېكتر ئىستانسسىسىنىڭ گېنېراتورى بولۇپ، قۇۋۋىتى بىر مىليون 380 مىڭ كىلوۋاتقا يېتىدۇ، ئۇ 1973 - يىلى ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشكەن.
دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ يادرو ئېنېرگىيىسى گېنېراتورىنىڭ قۇۋۋىتى بىر مىليون 187 مىڭ كىلوۋات بولۇپ، ئۇ 1976 - يىلى ئامېرىكىدا ياسالغان.
دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ ئۇلترا ئۆتكۈزگۈچ ھور تۇربىنىلىق گېنېراتورنىڭ قۇۋۋىتى 20 مىڭ كىلوۋات بولۇپ، ئامېرىكىدا ياسالغان، 1978 - يىلى ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشكەن.
دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ يەر ئىسسىقلىقى گېنېراتورىنىڭ قۇۋۋىتى 135 مىڭ كىلوۋات بولۇپ، ئامېرىكىنىڭ گېيساي ئېلېكتر ئىستانسسىسىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان.
ھازىر دۇنيا بويىچە ئېلېكتر تورى ئەڭ يۇقىرى بولغان توك يەتكۈزۈش بېسىمى 765 كىلوۋولت بولۇپ، 1978 - يىلى ئامېرىكىدا ياسىلىپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن، توك يەتكۈزۈش لىنىيىسىنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 3000 كىلومېتىردىن ئاشىدۇ.
دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ سۇ تۇربىسى ئامېرىكىنىڭ گراند - گۈلى سۇ ئېلېكتر ئىستانسسىسىغا ئورنىتىلغان بولۇپ، ئۇنىڭ يەككە تۇربىنىلىق سىغىمچانلىقى 700 مىڭ كىلوۋات، ئايلانما چاقىنىڭ دىئامېتىرى 9.9 مېتىر كېلىدۇ، بۇنىڭ بىرىنچى تۇربىنىسى 1978 - يىلى فېۋرالدا ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن.