ئەڭ كۆپ سۈت چىقىرىدىغان سىيىر
دۇنيادىكى ئەڭلەر
ئامېرىكىنىڭ ئورىستان نەسىللىك كالىسى <ئورۋىن ماستېرپېكې رىۋا بىر ئۆمرىدە ماي تەركىبى 3.3 پىرسەنت بولغان سۈتتىن 154.5 توننا بەرگەن.
ئامېرىكىنىڭ ئارلېندا ئېللېند ناملىق بۈدرە يۇڭلۇق كالىسى سۈت ئىمىتىۋاتقان 365 كۈن ئىچىدە 25.2 توننا سۈت بەرگەن.
جۇڭگونىڭ نەنجىڭدىكى جۇڭسەن سۈت فېرمىسىنىڭ 644 - نومۇرلۇق بىر سىيىرى 1967 - يىلنىڭ ئاخىرىدىن تارتىپ سۈت بېرىشكە باشلىغان، 1979 - يىلىغا كەلگەندە سۈت بېرىش مىقدارى 100 توننىنى بۆسۈپ ئۆتكەن، ئۇ داۋاملىق سۈت بەرمەكتە، ئۇنى >سۈتلۈك سىيىر پادىشاھى< دېيىشكە بولىدۇ.