UyghurWiki
UyghurWikiئاڭئەڭ كۆپ تارقالغان دىن

ئەڭ كۆپ تارقالغان دىن

دۇنيادىكى ئەڭلەر دىنغا ئالاقىدار ستاتىستىكىلار ئانچە توغرا ئەمەس. سەۋەبى كىشىلەرنىڭ دىنغا ئېتىقاد قىلىش ئۆلچىمىنىڭ ئوخشاش بولمىغانلىقىدا، بولۇپمۇ شەرقتە نۇرغۇنلىغان كىشىلەر بىرلا ۋاقىتتا ئىككى خىل ياكى بىر نەچچە خىل دىنغا ئېتىقاد قىلىدۇ. خىرىستىيان دىنى دۇنيا بويىچە تارقىلىشى ئەڭ كەڭ دىن. 1973- يىلى خرىستىئان دىنىنىڭ مۇرىتلىرى بىر مىليارد 40 مىليونغا يەتكەن، ئۇندىن باشقا 150 مىليون چوقۇندۇرۇش مۇراسىمىغا قاتناشمىغان، بۇتخانىغا بېرىپ دىنىي ئەقىدىلەرنى ئادا قىلالمايدىغان يېڭى مۇرىتلىرى ۋە يېڭىدىن دىن يولىغا ماڭغان 175 مىليون مۇرىتلىرى بار ئىكەن. رىم كاتولىك دىنىنىڭ چوقۇندۇرۇش مۇراسىمىغا قاتناشقان 580 مىليون ئادىمى بولۇپ، ئالدىنقىدىن زور دەرىجىدە ئېشىپ كەتكەن. كاتولىك دىنىدىن باشقا ئەڭ كەڭ تارقالغان دىن ئىسلام دىنى بولۇپ، 1973 - يىلدىكى ستاتىستىكىدا تەخمىنەن 534 مىليون ئىسلام دىنىي مۇرىتلىرى بار ئىكەن.
← بارلىق تېمىلار ئاڭ
ئەڭ كۆپ تارقالغان دىن | UyghurWiki | UyghurWiki