ئەڭ چوڭ دۆلەت
دۇنيادىكى ئەڭلەر
دۇنيا بويىچە جەمئىي 223 ئۆز ئالدىغا ئايرىلغان مەمۇرىي رايون بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە 160 مۇستەقىل دۆلەت بار. ئىگىلىك ھوقۇقى بار بولغان 32 دۆلەت ۋە ئىگىلىك ھوقۇقى بولمىغان 49 دۆلەت ئاراللارغا جايلاشقان. ئىگىلىك ھوقۇقى بار 26 دۆلەت ۋە ئىگىلىك ھوقۇقى بولمىغان بىر دۆلەتنىڭ دېڭىز قىرغىقى لىنىيىسى يوق بولۇپ، بۇلار ئىچكى قۇرۇقلۇق دۆلىتى ھېسابلىنىدۇ.
سوۋېت سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيەتلەر ئىتتىپاقى دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ مۇستەقىل دۆلەت بولۇپ، ئۇ 15 ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيەتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئومۇمىي يەر مەيدانى 22 مىليون 402 مىڭ كۇۋادىرات كىلومېتىر بولۇپ (شەرقتىن غەربكە 10 مىڭ كىلومېتىر، جەنۇبتىن شىمالغا 5 مىڭ كىلومېتىر كېلىدۇ)، دۇنيادىكى بارلىق قۇرۇقلۇقنىڭ 15 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلىدۇ. دېڭىز قىرغىقى لىنىيىسى 106 مىڭ 360 كىلومېتىر كېلىدۇ.